لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن سۇ قۇشلىرى发表时间:2020-10-10 18:05来源:تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، توپ-توپ قۇشلار جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى خۇاڭشۇيساۋزى سۇ ئامبىرىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيتىڭ بازىرى بېيتىڭ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ قۇش تۈرلىرى يېقىن ئەتراپتىكى سۇ ئامبىرىدا پەيدا بولدى. |