新闻详情

يۇقۇم سەۋەبىدىن رونالدو ئاچقان مېھمانخانىنىڭ بىرسى تاقىلىپ قالدى

发表时间:2020-10-11 12:34

2020101111381022528.jpg

ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇم تەسىرىدىن كرىستىيانو رونالدو ئاچقان مېھمانخانا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. رونالدو تۇنجى بولۇپ ئۆز يۇرتى مادېرا ئارىلىدا ئاچقان «Pestana CR7» مېھمانخانىسىنىڭ تاقىلىپ قالغىنىغا نەچچە ئاي بولغان، چۈنكى يۇقۇم تەسىرىدىن مادېرا ئارىلىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر %80 ئازلاپ كەتكەن.

رونالدو لېسبونغا ئاچقان ئىككىنچى مېھمانخانا «Pestana CR7»مۇ خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا، بۇ مېھمانخانىنىڭ بۇرۇنقى بىر كېچىلىك باھاسى 150 ياۋرو بولۇپ، ھازىر باھاسى 77 ياۋروغا چۈشۈرۈلگەن. لېكىن رونالدو يەنىلا سودا ئېمپېرىيەسىنى كېڭەيتىشنى توختۇتۇپ قويمىغان، ئۇ Pestana گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى بىلەن بىرلىكتە مانچېستېر ۋە مادرىد شەھىرىدە مېھمانخانا ئېچىشنى پىلانلىغان، بىراق بۇ پىلان يۇقۇم سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان. ئۇلارنىڭ ھازىرقى پىلانى ئامال قىلىپ پورتۇگالىيەدىكى ئىككى مېھمانخانىنىڭ سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش.


分享到: