新闻详情

ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى: فرانسىيە VS پورتۇگالىيە مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-11 15:47作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020101110242939300.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئىككىنچى نۆۋەتلىك ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسى A دەرىجىلىكلەر رايونى ئۈچىنچى ئايلانما گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ C گۇرۇپپىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى فىرانسىيە كاتتا توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ، فىرانسىيە ساھىبخان مەيداندا پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى 10 قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا فىرانسىيە كوماندىسى يەتتە مەيدان غەلبە قىلىپ ئۈچ مەيدان تەڭلەشكەن، ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى مەيدان ئوينىغان مۇسابىقىسى دەل 2016-يىللىق فىرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ 0:0 نەتىجىدە تەڭلەشكەندىن، ئۇزارتىلغان مۇسابىقىدە پورتۇگالىيە بىر توپ كىرگۈزۈپ، چېمپىيون بولغان، تۆت يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى، ئۇنداقتا ئوخشاشلا ساھىبخان مەيداندا تۇرغان فىرانسىيە ئۆزىنىڭ «ئۆچىنى» ئالالامدۇ؟ ياكى رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە يەنە بىر قېتىم غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتېرى: ئىككىنچى نۆۋەتلىك ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسى A دەرىجىلىكلەر رايونى ئۈچىنچى ئايلانما گۇرۇپپا باسقۇچى C گۇرۇپپا مۇسابىقىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 2:45

مۇسابىقە ئورنى: فىرانسىيە كاتتا توپ مەيدانى

2020101110303362291.jpg

كۆرۈش نۇقتىسى 1: فىرانسىيە غەلبە ئارقىلىق تۆت يىل بۇرۇنقى ئىشىك ئالدىدا لوڭقا تارتقۇزۇپ قويغان «ئۆچىنى» ئالماقچى

ئىككى يىل بۇرۇنقى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىرانسىيە كوماندىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ كەلدى، كوماندا سەپ شەكلى كۈچلۈك، داڭلىق پۇتبول چولپانلىرى يىغىلغان بولۇپ، ھەتتا زاپاس ئەزالىرىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئارقا مۇداپىئەدىن ئالدىنقى مەيدانغا كەلگۈچە، فىرانسىيە كوماندىسىدا قالتىس پۇتبول چولپانلىرى بار. دۇنيا لوڭقىسىدىن بۈگۈنگە قەدەر، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە فىرانسىيە ئۆتكەن يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە، مېھمان مەيداندا 2:0 نەتىجە بىلەن تۈركىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭدىن باشقا مەغلۇپ بولماسلىق ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. تۈركىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، 10 مەيدانغا يېقىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، فىرانسىيە مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى، ئىپادىسى ئوتتەك قىززىق بولۇپ، پورتۇگالىيە بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئوينالغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، 1:7 نەتىجىدە ئۇكرائىنانى مەغلۇپ قىلدى، ناھايىتى ئېنىقكى بۇمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا فىرانسىيە كوماندىسىنى يېتەرلىك جەڭگىۋارلىق بىلەن تەمىنلىدى، تۆت يىل بۇرۇنقى ياۋرۇپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فىرانسىيەدىن چىمپىيونلۇقنى تارتىۋالغان رەقىبى ئالدىدا، كوماندىنىڭ جەڭ ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئۇنداقتا دۇنيا چېمپىيونى بولۇشتەك شان-شۆھرىتى بىلەن فىرانسىيە بۇرۇنقى «ئۆچىنى» ئالالامدۇ يوق؟

2020101110480981596.jpg

كۆرۈش نۇقتىسى 2: پورتۇگالىيە دۇنيا چېمپىيونىدىن قورقمايدۇ، رونالدو كوماندىنى يېتەكلەپ، ياش نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۆزلەيدۇ

ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بۇ تۆت يىلدا پورتۇگالىيەدىن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر يېتىشىپ چىقىپ، دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى، بۇنىڭ بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسى ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ئاز بولمىغان تولۇقلاشقا ئېرىشتى. يوشۇرۇن كۈچ جەھەتتە كوماندا ئەزالىرى ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوماندىدىكى 35 ياشلىق «ياشانغان»، ئەمما يەنىلا قالتىس ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان كرىستىيانو رونالدو، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە جەڭچىسى. دۇنيادىكى ھەرقانداق كۈچلۈك كوماندىدىن قېلىشمايدۇ. بۇلتۇر تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەنلىكى پورتۇگالىيەنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

2020101111381350467.jpg

ئالدىنقى نۆۋەتلىك ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پورتۇگالىيە، دۇنيا چېمپىيونى فىرانسىيە بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ مەيدان دۆلەت كوماندىسى قاتلىمىدىكى ئەڭ يۇقىرى كۈچ سىنىشىشمۇ، دەل رونالدونىڭ كۈتكىنى، تۆت يىل بۇرۇنقى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، رونالدو مەيدانغا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يارىلىنىپ مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلگەن، ئاخىرىدا گەرچە پورتۇگالىيە چېمپىيون بولغان بولسىمۇ، لېكىن رونالدوغا ئوخشاش بۇنداق بەسلىشىش پىسخىكىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان خاراكتېرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇسابىقىنى تولۇق ئويناپ، ئۆزى كوماندىغا باشلامچى بولۇپ مۇكاپات سەھنىسىگە چىقالماسلىقنىڭ ئۆزى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ كوماندىنى يېتەكلەپ دۇنيا چېمپىيونىنى مەغلۇپ قىلالامدۇ؟


分享到: