新闻详情

ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى كوماندا ترېنېرلىرىنىڭ يىللىق مائاش تەرتىپى

发表时间:2020-10-11 15:53作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020101114442831554.jpg

«مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى كوماندا ترېنېرلىرىنىڭ يىللىق مائاش تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، خەلقئارا مىلان ترېنېرى كونتې 12 مىليون ياۋرو مائاش بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، ئۇنىڭ يىللىق مائاشى ئىككىنچى ئورۇندىكى ترېنېرنىڭ يىللىق مائاشىنىڭ بەش ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ.

كونتېنىڭ توختام ۋاقتى 2022-يىلى ئاخىرلىشىدۇ، ئۇنىڭ باجدىن كېيىنكى يىللىق مائاشى 12 مىليون ياۋرو، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا خەلقئارا مىلان ئۇنىڭغا يەنە 24 مىليون ياۋرو مائاش بېرىدۇ. پىرلونىڭ باجدىن كېيىنكى يىللىق مائاشى بىر مىليون 800 مىڭ ياۋرو، لېكىن يۇۋېنتۇس ئىشتىن بوشاتقان ساررىنىڭ يىللىق مائاشى بەش مىليون 500 مىڭ ياۋرو ئىدى.

ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى كوماندا ترېنېرلىرىنىڭ يىللىق مائاش تەرتىپى:

1. كونتې (خەلقئارا مىلان): 12 مىليون ياۋرو

2. فونسېكا (رىم): ئىككى مىليون 500 مىڭ ياۋرو

3. گاسپېرىنى (ئاتلانتا): ئىككى مىليون 200 مىڭ ياۋرو

4. كىچىك ئىنزاگى (لازىئو): ئىككى مىليون ياۋرو

4. مىخايلوۋىچ (بولوگنا): ئىككى مىليون ياۋرو

4. پىئولى (مىلان): ئىككى مىليون ياۋرو

2020091812193442630.jpg

7. پىرلو (يۇۋېنتۇس): بىر مىليون 800 مىڭ ياۋرو

7. رانېرى (سامپىدورىيا): بىر مىليون 800 مىڭ ياۋرو

9. گاتتۇسو (ناپولى): بىر مىليون 500 مىڭ ياۋرو

9. دى فرانسېسكو (كاگلىيارى): بىر مىليون 500 مىڭ ياۋرو

9. جامپاۋلو (تۇرىن): بىر مىليون 500 مىڭ ياۋرو

12. دېرزېبى (ساسۇلو): بىر مىليون 100 مىڭ ياۋرو

13. ئىنزاگى (بېنېۋېنتو): بىر مىليون ياۋرو

13. يۇرىچ (ۋېرونا): بىر مىليون ياۋرو

15. يانىچ (فىئورېنتىنا): 900 مىڭ ياۋرو

16. رولاندو ماران (گېنويا): 850 مىڭ ياۋرو

17. لۇكا گوتى (ئۇدىنېس): 600 مىڭ ياۋرو

17. جىئوۋانى سىت (كروتونې): 600 مىڭ ياۋرو

19. رىۋلانى (پارما): 500 مىڭ ياۋرو

19. ئىدارىيانو (سپېزىيا): 500 مىڭ ياۋرو


分享到: