新闻详情

رونالدو ئالاقە تورىغا دۆلەت كوماندىسىدىكى 100 توپى ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان ئاياغنىڭ سۈرىتىنى يوللىدى

发表时间:2020-10-11 15:55作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020101113063348431.jpg

ئالدىنقى ئايدىكى ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە، پورتۇگالىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە شۋېتسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، كرىستىيانو رونالدو شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، دۆلەت كوماندىسىدىكى 100 توپلۇق ئۆتكىلىدىن ئۆتتى.

يېقىندا كرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا نايك شىركىتىنىڭ 100 توپلۇق ئابىدە خاراكتىرىدىكى نەتىجىسىگە ئاتاپ ئالاھىدە ياسىغان پۇتبول ئايىغىنىڭ سۈرىىتنى يوللاپ، سۈرەتكە قوشۇپ «نايك شىركىتىنىڭ بۇ ئايىغى ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، دۆلەت كوماندىسىنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىسىدە بۇ ئاياغنى كىيىپ، كەسپىي ھاياتىمدىكى ئابىدە خاراكتىرلىك بۇ دەقىقىنى تەبرىكلەشنى تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتىمەن» دەپ يازغان.


分享到: