新闻详情

ئۆتكەن 10 يىلدا AC مىلان 900 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق زىيان تارتقان

发表时间:2020-10-11 15:56作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020101111555278192.jpg

ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ بىر تۈرلۈك مۈلۈك قەرز جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 10 يىلدا، يېڭى پەسىللىك ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتنىشىۋاتقان 20 كوماندىدىن پەقەت، ئاتلانتا، ساسۇلو، ناپولى ۋە كروتونې قاتارلىق تۆت كۇلۇبلا پايدا ئېلىش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ناپولىنىڭ پايدىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىكى پايدىسى 132 مىليون 200 مىڭ ياۋرو بولغان، بۇ 10 يىل جەريانىدا، 2015-يىلى، 2016-يىلى 2ئە 2018-يىلىلا مالىيەدە زىيان كۆرۈلگەن. ئاتلانتا 10 يىل جەريانىدا 58 مىليون 100 ياۋرو پايدا ئالغان، كروتونې 10 يىل جەريانىدا ئۈچ مىليون 500 مىڭ ياۋرو پايدا ئالغان، ساسۇلو بولسا 10 يىل جەريانىدا بىر مىليون 600 مىڭ ياۋرو پايدا ئالغان.

2020100613531283596.jpg

ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا AC مىلان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، مىلاننىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىكى زىيىنى 914 مىليون 500 مىڭ ياۋروغا يېتىپ، ئەڭ زىيان تارتقان كۇلۇبلار تەرتىپىدە ئىككىچنى ئورۇندا تۇرىۋاتقان رىمنىڭ زىيىنىنىڭ ئىككى ھەسسىگە يېقىنلىشىپ قالغان. رىم كۇلۇبى ئۆتكەن 10 يىلدا 527 مىليون 200 مىڭ ياۋرو زىيان تارتقان، خەلقئارا مىلان بولسا 470 مىليون 300 مىڭ ياۋرو، يۇۋېنتۇس 281 مىليون 500 مىڭ ياۋرو زىيان تارتقان.


分享到: