新闻详情

ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ مائاش چىقىم رەت تەرتىپى

发表时间:2020-10-11 17:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

2020101113455487057.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر ئىتالىيە تاراتقۇسى «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ باجدىن بۇرۇنقى مائاش چىقىمى ھەم شۇنداقلا يىللىق مائاشى ئالتە مىليون ياۋرودىن يۇقىرى ھەر قايسى توپچىلارنىڭ يىللىق مائاش چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى بىرلەشمىدىكى مائاش چىقىمى ئەڭ كۆپ كۇلۇبقا ئايلانغان، پورتۇگالىيەلىك ھۇجۇمچى كرىستىيانو رونالدو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى توپچىغا ئايلانغان.


يۇۋېنتۇس: كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ باجدىن بۇرۇنقى مائاش چىقىمى 236 مىليون ياۋرو، (تۆۋەندىكى توپچىلارنىڭ يىللىق مائاشى باجدىن كېيىنكى سوممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

1. كرىستىيانو رونالدو؛ 31 مىليون ياۋرو

2. دېلىگت: سەككىز مىليون ياۋرو

3. دىبالا: يەتتە مىليون 300 مىڭ ياۋرو

4. رابىئوت، رامسېي: يەتتە مىليون ياۋرو

6. بونۇچچى، سچېزنى: ئالتە مىليون 500 مىڭ ياۋرو

8. ئالكىس ساندرو: ئالتە مىليون ياۋرو

2020101114560457474.jpg

خەلقئارا مىلان: كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ مائاش چىقىمى 149 مىليون ياۋرو

1. لۇكاكۇ، ئېرېكسون: يەتتە مىليون 500 مىڭ ياۋرو

2. سانچېز: يەتتە مىليون ياۋرو

3. ۋىدال: ئالتە مىليون 500 مىڭ ياۋرو

قالغان ئالتە مىليون ياۋرودىن تۆۋەن مائاش ئالىدىغان توپچىلار ئىچىدە لاۋتارو مارتىنېزنىڭ يىللىق مائاشى ئىككى مىليون 500 مىڭ ياۋرو

2020101114594781440.jpg

رىم: كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ مائاش چىقىمى 149 مىليون ياۋرو

1. زىكو: يەتتە مىليون 500 مىڭ ياۋرو

يىللىق مائاشى ئالتە مىليون ياۋرودىن تۆۋەن توپچىلار ئىچىدە، پاستورىنىڭ مائاشى تۆت مىليون 500 مىڭ ياۋرو، سىماللىڭنىڭ يىللىق مائاشى ئۈچ مىليون 800 مىڭ ياۋرو، مىكتارىياننىڭ يىللىق مائاشى ئۈچ مىليون 500 مىڭ ياۋرو

2020101115030479968.jpg

يۇقارقىلاردىن باشقا ناپولى كوماندىسىدىكى بارلىق توپچىلارنىڭ مائاش چىقىمى 105 مىليون ياۋرو

2020101115050080783.jpg

AC مىلان: كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ مائاش چىقىمى 90 مىليون ياۋرو

1. ئىبراھىموۋىچ: يەتتە مىليون ياۋرو

2. دۇننارۇمما: ئالتە مىليون ياۋرو

يىللىق مائاشى ئالتە مىليون ياۋرودىن تۆۋەن توپچىلار ئىچىدە رېبىچ بىلەن روماگنولىنىڭ يىللىق مائاشى ئۈچ مىليون 500 مىڭ ياۋرو، تونالىنىڭ يىللىق مائاشى ئىككى مىليون ياۋرو


分享到: