新闻详情

قالتىس! دىلرابا خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ مۇكاپات نامزاتلىقىغا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-11 17:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى


2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، كورېيە پۇسان خەلقئارا كىنو بايرىمى (釜山国际电影节)دا دىلرابا «زاماندىن ھالقىغان رىشتە» (三生三世枕上书)دىكى رولىغا ئاساسەن ئاسىيادىكى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كىرگەن. 2019- يىلى، ياۋ چېن «ھەممە ياخشى» (都挺好)ناملىق ئەسىرى بىلەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم دىلرابا بىلەن بىرلىكتە كىم خىيېسو، كىم خى ئائى، كۇروكى خارۇ قاتارلىق رول ئېلىش ماھارىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئارتىسلارمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگەن. بۇ ئىككىيلەن ئىلگىرى كورېيەنىڭ سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچىلاردىن ئىدى. ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچىنىڭ ئادەتتە «كىنو خانىشى» دېگەن نامىمۇ بار بولىدۇ، دىلرابامۇ يەنە بىر قېتىم «كىنو خانىشى» نامزاتلىقىغا كىردى. بۇ كىنو بايرىمى 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، مۇكاپات نەتىجىسى ۋاقتى كەلگەندە ئېلان قىلىنىدۇ.

2020101022021592821.jpg2020101110184085319.jpg



پۇسان كىنو بايرىمىنىڭ ئاسىيا مەزمۇن مۇكاپاتى 2019-يىلى يېڭىدىن قوشۇلغان مۇكاپات تۈرى، بۇ مەخسۇس تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قارىتىلغان مۇكاپات بولۇپ، كىنونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. گەرچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مۇكاپات تۈرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەن پىشقەدەملەردىن قارىغاندا، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئورنىنىڭ يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇر ياۋ چېن بىلەن لېي جيايىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى، ياۋ چېننىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگىمۇ گەپ كەتمەيتتى.

2020101110194698257.jpg

بىر قىسىم تورداشلار گۇمانلىنىپ: «كىنو بايرىمىدا قانداقمۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مۇكاپاتى بولىدۇ، بۇ مۇكاپات مۇۋاپىقمۇ؟» دېيىشكەن. بىراق، ئۇلارنىڭ گۇمانلىرىنىڭ مەزمۇن ۋە ۋاقتىنىڭ بىردەكلىكىدىن قارىغاندا، روشەنكى، ئۇ ئادەتتىكى تورداشلار ئەمەس، بەلكى مەخسۇس «تور گۇپپاڭچىلىرى» بولۇپ، ئۇلار ئارتۇق باش قاتۇرىشىۋاتاتتى.

2020101018153115837.jpg

مەستانىلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەس-بەستە تەبرىكلەشتى، يەنە كەمتەرلىك بىلەن: «نامزات بولۇپ كىرگەنلىك- مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك» دېيىشتى. بەلكىم ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، مەستانىلەر دىلرابانىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھاقارەتلەنگەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتىشتى.

2020101110231783896.jpg

ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر ئامما بېلەت تاشلاشنى ئاساس قىلغان مۇكاپات تۈرى بولۇپ، بەي يۈلەن قاتارلىق پەقەت رول ئېلىش ماھارىتىگىلا قارايدىغان مۇكاپات تۈرىگە ئوخشىمايدۇ. باھالاش جەريانىدا، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىدىنمۇ پايدىلىنىلىدۇ. دىلرابا نۆۋەتتىكى ئەڭ ئالقىشلىق ئارتىس بولۇپ، 2018-يىلى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەن ئارتىسلار ئىچىدە، ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ، ئاۋاتلىقى ئەڭ يۇقىرى، شۇڭا ئامما بېلەت تاشلاش ھالقىسىدا، دىلرابا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگۈچىلەرنىڭ خېلىلا ئالدىدا ئىدى.

2020101110265399478.jpg

بېلىتىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، دىلرابانىڭ سۈن لى قاتارلىق پېشقەدەم رولچىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئەۋزەللىكى بار بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ليۇ تاۋ، سۈن لى قاتارلىقلارمۇ ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققان، قايتا ئېلىشنىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتىمۇ يوق ئىدى. ھالبۇكى، دىلرابا ياش ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، رول ئېلىش ماھارىتىمۇ ئانچە ناچار ئەمەس. ئۇ يەنە «بەي فېڭجيۇ» رولىغا تاينىپ، بەي يۈلەننىڭ ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، كەسىپى ساھەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى رول ئېلىش ماھارىتى ياخشى، زېرەك دەپ ماختاشتى.



ئەينى چاغدا ئۇنىڭ «كىنو خانىشى»لىققا ئېرىشىشىدىكى سەۋەپ، يەنىلا فىلىمنىڭ ياخشىلىقىدا. «چىرايلىق قىز لى خۇيجېن»(漂亮的李慧珍)كورېيە تىياتىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئادەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قايتا سۈرەتكە ئالسا، دۆلىتىمىزدە ھېچقانچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. «چىرايلىق قىز لى خۇيجېن»مۇ ئانچە ئالقىشقا ئېرىشەلمىدى ئەلۋەتتە، بىراق كۆرۈش نىسبىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئەينى چاغدا خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدىكى «قارا تۇلپار»غا ئايلىنىپ، ئەينى چاغدا كۆرۈلۈشتە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. بۇ تىياتىرنىڭ باش رولچىلىرى ئەينى چاغدا ئانچە ئالقىشقا ئېرىشىپ كەتمىگەن ئىدى، دىلرابانىڭ ئالقىشلىنىشىمۇ ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى، مۇشۇنداق ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى.

2020101110235840398.jpg

بۇ قېتىم دىلرابانىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي كۈچى بار ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە نامىنىڭ ئاتىلىشىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «زاماندىن ھالقىغان رىشتە»نىڭ تاماشىبىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دىلرابانىڭ بۇ تىياتىردىكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رولنىڭ ھالقىش دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭ. گەرچە ئالدىنقى مەزگىلدە بەزى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن تاماشىبىنلار تەرىپىدىن تازا ياخشى باھاغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «بەي فېڭجيۇ»نىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى ئوينىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى ناھايىتى جايىدا ئىپادىلىگەن. بۇ تىياتىرمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، تېڭشۈن تورى بۇ تىياتىر بىلەن خېلى كۆپ پۇل تاپقان. گەرچە ئانچە تەشۋىقات ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئوخشاش مەزگىلدىكى باشقا تىياتىرلاردىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.


دىلرابا يېڭى سەھنىگە قەدەم باسقاندا «كاراتلىق مۇھەببەت»(克拉恋爱)دىكى «گاۋۋېن»نىڭ ئوبرازىغا تاينىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. گۈزەل تاشقى قىياپىتى ۋە يۇقۇرى ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىلىق، نۇرغۇن مەستانىلەرنى قايىل قىلدى، ئالقىشلىنىش دەرىجىسىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. 2018 ـ يىلى «ئالتۇن بۈركۈت تىياتىر خانىشى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

2020101018161380326.jpg

ئەپسۇس، «ئالتۇن بۈركۈت تىياتىر خانىشى» ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ئەمەس، ئەكسىچە تورداشلارنىڭ ھاقارىتىنى سوۋغا قىلدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ياش تۇرۇپلا «تىياتىر خانىشى»لىققا ئېرىشكەنلىكتىن نامى تىز تارقىلىپ، ئوخشاش كەسپتىكىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇكاپات تۈرىنى تالاشقانلارنىڭ ئارىسىدا ليۇ تاۋ، سۇن لى قاتارلىق ئەمەلىي كۈچى بار ئارتىسلارمۇ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلرابا يەنە ئانچە كۆپ خىزمەت ئىستاژىغا ئىگە ئەمەس، ھەقىقەتەنمۇ رول ئېلىشى ماھارىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھتاج، شۇڭا قىسمەن تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

2020101110213189656.jpg

دىلرابانىڭ ئەسلىدىنلا قىزغىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، 90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان «يېڭى ئارتىسلار» ئارىسىدا، ھازىر مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ، سودا قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھازىر قويۇلماقچى بۇلىۋاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن «چاڭگې سەپىرى»(长歌行)، سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقانلىرىدىن « سەن مېنىڭ شان-شەرىپىم»(你是我的荣耀) قاتارلىقلار بار. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولماقتا. دىلرابانىڭ كېيىنكى كىنو-تېلېۋىزىيە سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، پىتنە-ئىغۋالاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

2020101111080492090.jpg


分享到: