新闻详情

ئورگان تەرەپ: كىرىستىيانو رونالدو يېڭى تاجىسىمان ۋېروسى بىلەن يۇقۇملاندى

发表时间:2020-10-13 22:54作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

rB8CCl-FtsCARYNkAADH2_iMYK4655.jpg

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان تەرەپ خەۋىرىگە قارىغاندا، پورتۇگالىيەلىك گىگانت چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى   تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان.

پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، نۆۋەتتە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق، پورتۇگالىيەنىڭ باشقا توپچىلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقتى. » دېدى.

91ef76c6a7efce1b9dc08956032d9ed9b68f65c2.jpeg

يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى   تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققاندىن كېيىن، كىرىستىيانو رونالدو بۇ مەزگىلدىكى پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلىدۇ ھەمدە ئايرىلىپ كۆزىتىلىش ھالىتىگە كىرىدۇ.

پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرىشى تۆۋەندىكىچە:

كىرىستىيانو رونالدو يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى   بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، پورتۇگالىيەنىڭ شۋېتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ. نۆۋەتتە رونالدونىڭ ئەھۋالى ياخشى، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق بولۇپ، ئايرىۋېتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

رونالدو يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، باشقا ماھىرلار قارىتا دۆلەت كوماندىسى يەنە بىر قېتىم يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى،باشقا توپچىلارنىڭ نەتىجىسى بىردەك مەنپىي بولدى، ھەمدە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەشىق بازىسىدا مەشىق قىلدى.

rB8BO1-FuV-AJ_ddAAEfZRHOoxc836.jpg

كىرىستىيانو رونالدو تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقتىن، يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن   يېقىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن چەكلىنىشى مۇمكىن بولۇپ ،   28-چىسلا ئوينايدىغان بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشەلمەسلىكى مۇمكىن.

ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ ئېگىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 13-ئۆكتەبىر كەچتە، پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېڭى يۇقۇملانغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

14 كۈنلۈك ئايرىش تەلىپىدىن قارىغاندا، كىرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسنىڭ يېقىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن. يوۋىنتۇس كوماندىسى بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ساھىبخان مەيداندا كىروتونى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئارقىدىن 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ساھىبخان مەيداندا كىۋدىنامو بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، يۇۋېنتۇس يەنە ئۆز مەيدانىدا بارسېلونانىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلىدۇ.

14 كۈنلۈك ئايرىش تەلىپى بويىچە، كىرىستىيانو رونالدو بۇ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن.

1000-2.png

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، يۇۋېنتۇس ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان« رونالدو بىلەن مېسسى»   نىڭ ئەڭ يېڭى رىقابىتىدىمۇ ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان مۇمكىنچىلىك مەۋجۇت.

رونالدونىڭ قىز دوستى تاراتقۇلاردا رونالدونىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئاشكارلىدى

rB8CCl-FvV6AXsgDAACdDIy5JOA740.jpg


ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ ئېگىلىشىچە، رونالدو يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىبىلەن يۇقۇملاندى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن،رونالدونىڭ قىز دوستى جورجىنا بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن توردا كۆرۈنمە چاستوتىدا سۆزلەشتى ھەمدە تورئالاقە سۇپىسىدا ۋاستىلىرىدا ئىككىسىنىڭ پاراڭلاشقان سۈرەتىنى ھەمبەھىرلىدى.

تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان كىرىستىيانو رونالدو بىلەن جورجىنانىڭ چىراي ئىپادىسى تەمكىن، روھىي ھالىتى ياخشى ئىدى.

جورجىنا: « سىز مېنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم! » دەپ يازدى ۋە ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن ئىپادە بىلدۈردى.

1000-3.png

جورجىنانىڭ تاراتقۇلاردىكى بۇ ھالىتى بەلكىم ھازىر كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەنسىرىگەن بارلىق ئادەملىرىنى خاتىرجەم قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بىزمۇ ئەلكۈيى تورىغا ۋە بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئىككىيلەننىڭ ئۈمىدۋار روھىي ھالىتىنىڭ تېخىمۇ مەنىۋى ئوزۇق بولىشىنى ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ بالدۇرراق يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن غالىپ كېلىپ ، ئەڭ ساغلام ھالدا مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!


分享到: