新闻详情

بۇ مۇكاپات ماڭا نىسبەتەن <دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر> بولدى

发表时间:2020-10-12 13:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


9 ـ ئايدا مېۋە ـ چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، مول-ھۇسۇل ئېلىندى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىنمۇ «مول-ھۇسۇل»لار ئېلندى، لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. 2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 0 دىن 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى سائەت17 گىچە «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ناملىق لاتارىيە بېلىتى «لاتارىيە سىزگە تەلەي قۇشىدۇ، مۇكاپاتلار ئۈزۈلىمىسۇن» تېمىسىدىكى جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 10 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەر پائالىيەت مەزگىلىدە مۇكاپات پۇلىنى ھەسسىلەپ ئالالايدۇ.

9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مورى ناھىيەسىدىكى 90 ـ يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان شياۋ ۋاڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۈرۈشۈپ باقمىغان ھەمراھلىرى بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن، ئىشىكى ئالدىدىكى 65230244 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى دەرۋازىسى ئالدىدىكى «لاتارىيە سىزگە تەلەي قۇشىدۇ، مۇكاپاتلار ئۈزۈلىمىسۇن» دېگەن قىزىل ئېلاننى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز تەلەي سىناپ باقماقچى بۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى قارار قىلدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىر نەچچە لاتارىيەچى بار ئىدى، بەزىلىرى يۆنىلىش خەرىتىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلىۋاتاتتى؛ بەزىلىرى ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ پۈتۈن زېھنى بىلەن«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋاتاتتى، پونكىت ئىچىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى تىنچ. شياۋ ۋاڭ كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن سانى ئانچە كۆپ بولمىغان 50 يۈەنلىك« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيەسىدىن ئىككى پارچە ئالدى، قولىدىكى ئىككى پارچە« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نى كۆرۈپ، ئۇ كۆڭلىدە ئۈن-تىنسىز ھالدا بۇ ئىككى لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئۆزىگە ئامەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

دەرۋەقە تەلەي كەلدى، شياۋ ۋاڭ ئەمدىلا« مېنىڭ نومۇرۇم» نى قىرىپ بۇلىشىغىلا رەسىملىك بەلگىگە نامايەن بولدى، ئۇيۇن قائىدىگە ئاساسەن، بېلەت يۈزىدىكى ئويناش ئۇسۇلى رايونىدىكى مۇكاپات پۇلىنىڭ يىغىندىسىغا جەمئىي 10 مىڭ يۈەن بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيەت قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچى يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچى بۇ قېتىم جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. 10 مىڭ يۈەن 20 مىڭ يۈەنگە ئايلاندى! شياۋ ۋاڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، دەرھال يانفونىنى ئېلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى خاتىرە قىلىپ قالدۇردى. بىر چەتتە تۇرغان لاتارىيەچىلەرمۇ بەس ـ بەستە شياۋۋاڭغا ھەۋەس نەزىرى بىلەن قاراپ، ئەينى چاغدا بۇ ئىككى لاتارىيەنى تاللىغان كىشىنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكىدىن پۇشايمان قىلدى.

21-چېسلا مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، شياۋ ۋاڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ مۇكاپات ماڭا نىسبەتەن< دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر> بولدى، يۇقۇم مەزگىلىدە كىرىم قىلالمىغاچقا، ئۆي قەرىز پۇلى، ئىناۋەتلىك كارتىنى مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە قايتۇرۇپ، مېنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردى! » دېدى.

1.png
分享到: