新闻详情

لاتارىيەچى«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش»ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-12 15:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


9-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، قوبۇقسار ناھىيەسى 65428035 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى شۈ ئەپەندى« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيەت قائىدىسىگە ئاساسەن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى يەنە ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ!

پاراۋانلىق لاتارىيە يېڭى بېلەت« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» بازارغا سېلىنىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بېلەت ئارقىلىق لاتارىيەچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى كۆپچىلىكنى تېخىمۇ خۇشال قىلدى، كونا لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۈ ئەپەندى بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى شۈ ئەپەندى ئاخىرى خىزمىتىنى تۈگىتىپ، ۋاقىت چىقىرىپ 65428035 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. ئىشىكتىن كىرىپلا، شۈ ئەپەندى ساتقۇچى خادىمغا-:«تېز، تېز بولۇڭ، لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي لاتارىيە بېلىتىدىن ماڭا ئىككى قاتار ئەكىلىپ بېلىڭ! كىيىن قالسا مەن سىزنىڭ سېتىپ بولۇشىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن.»-دېدى، مال ساتقۇچى خادىم: ـــ« ئاكا، خاتىرجەم بولۇڭ، ئىككى كۈندىن بېرى ئالدىراش ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ، مەخسۇس سىزگە ساقلاپ قويغان ئىدىم» دېدى مال ساتقۇچى ئىككى قاتار «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ شۈ ئەپەندىگە سۇندى. شۈ ئەپەندى بىر تەرەپتىن قىرغاچ، بىر تەرەپتىن مال ساتقۇچى بىلەن پاراڭلاشتى، گەرچە تۇنجى قاتار لاتارىيە بېلەتلىرىدە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كىچىك مۇكاپاتلار ئاز ئەمەس ئىدى. شۈ ئەپەندى ئارقىدىنلا ئىككىنچى قاتارنى ئاچتى، بىرىنچى پارچىسىنى قىرىپلا«مۇكاپات نومۇرى» نىڭ «59» ئىكەنلىكىنى، « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئىچىدىمۇ« 59» نىڭ بارلىقىنى بايقىدى. شۈ ئەپەندى ئۆز-ئۆزىگە:« «ۋاھ! مۇكاپات چىقتى! مۆجىزىگە شاھىت بولىدىغان ۋاقىت كەلدى!»-دېدى، ئۇ« 59» نىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسىنى ئاستا ـ ئاستا قىردى.« ـــ 10 مىڭ يۈەن! ھە، خاتا، توغرىسى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقسا 10 مىڭ يۈەن قۇشۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي 20 مىڭ يۈەن!» ـــ دېدى شۈ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا.

شۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق كۆپ خىل ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولۇش تۇيغۇسى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن!

2.png
分享到: