新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 2 يۈەن بىلەن 137مىڭ 782يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-13 15:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


9-ئاينىڭ 10-كۈنى« ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» ، شۇنداقلا لاتارىيە قوش رەڭلىك توپ 2020088-قارارلىق مۇكاپات ئېچىلغان كۈن، شۇ قارار قوش رەڭلىك توپ قىزىل توپ نومۇرى 01، 06، 21، 62، 92، 03، كۆك توپ نومۇرى 12 بولدى. شۇ قارار قوش رەڭلىك توپ ئىچىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى 14 دو، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 6 مىليون 377.8 مىڭ يۈەن بولدى. 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى 175 دو، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 137 مىڭ 782 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدىن 3 دو مۇكاپات شىنجاڭدىن چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە 1 دو شىخەنزە شەھىرىدىكى 65030017 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن چىققان.

6.png

65030017 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى شىخەنزە شەھىرىدىكى كيۇشۇ سودا ئەشيا ئوبوروت پورتىغا جايلاشقان، 2019-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان، مال ساتقۇچى شېڭ يۈنيىڭنىڭ مىجەزى قىزغىن، ئوچۇق-يورۇق، ئىش قىلىشى ئىنچىكە، ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئەشيا ئوبوروت پورتىدا تىجارەت قىلىدىكەن، ئەينى چاغدا پارچە پۇلغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى يۈەن پۇل خەجلەپ بىر تال قوش رەڭلىك توپ تاللىغان. بۇ لاتارىيەچى دۇكاندا قاچان مۇكاپات تارقىتىدىغانلىقى، مۇكاپات نومۇرىنى قانداق تەكشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراۋاتقاندا مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا پونكىتتىكى ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇشنى تەۋسىيە قىلدى، ھەر قارارلىق مۇكاپات تارقىتىش نومۇرى ئۈندىداردا ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ، ياكى« شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى» ئاممىۋى ئۈندىدار نومۇردىمۇ تەكشۈرگىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى ئەتىگەندە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى يى ئەپەندى خۇشال ھالدا شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. « مەن ھاياجانلانغىنىمدىن بىر كېچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، راستتىنلا مۇكاپاتقا ئېرىشتىممۇ؟ »ـــ دېدى يىن ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا ئىشەنمىگەن ھالدا. يىن ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشى بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە يان تېلېفون ئارقىلىق مۇكاپات نومۇرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۆزى تاللىغان قىزىل توپ نومۇرى بىلەن شۇ نۆۋەتلىك مۇكاپات نومۇرى قىزىل توپ نومۇرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، كۆك توپ 11 بولۇپ، مۇكاپات نومۇرى 12 بىلەن پەقەت 1-نومۇرلۇقلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. ساتقۇچى خادىم بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، يىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1 دو 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى 137 مىڭ 782 يۈەن بولدى.

يى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنىڭ پەقەت تەلەيلا ئىكەنلىكىنى، « ئاسماندىن چۈشكەن چوڭ قىيمىلىق تاۋا نېنى» دىن ئىبارەت ياخشى ئىشنىڭ ھەر كۈنى بولمايدىغانلىقىنى، لاتارىيە پەقەت بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ بېيىش ۋاسىتىسى ئەمەسلىكىنى، ئادەم بولۇشتا يەنىلا پۇختا بولۇش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.

7.png

分享到: