新闻详情

ليۇ خانىم : بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم

发表时间:2020-10-14 12:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ قىزىقارلىق ئىش، ئويلىمىغان يەردىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش. 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى سەھەردە، تەلەيلىك ليۇ خانىم خوتەن ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى ئالدى. ليۇ خانىم مۇنداق دېدى: « مەن ئەسلىدە "ئون ھەسسە تەلەي" نى سىناپ باقماقچى ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن "دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي" كە ئۇچراپ قالدىم، نەتىجىدە تەلىيىمگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى، بۇ ھەقىقەتەن خۇش خەۋەر! » دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، ليۇ خانىم ئىزچىل پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ مەستانىسى بولۇپ، ئادەتتە بىر نەچچە قېتىم« قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىن باشقا، ئەڭ چوڭ قىزىقىشى بولسا«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش»ئۇيۇنى بولۇپ، ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىغا كەلگەندە چوقۇم بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋالىدىكەن. بۇ بىر قانچە يىلدا، ليۇ خانىمنىڭ جەڭ نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى، گەرچە ئەزەلدىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما يۈز يۈەن، مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتلار خېلى كۆپ بولدى، ھەم ھەيران قالارلىق نەتىجىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزدى، بۇنداق «جەڭ نەتىجىسى» ليۇ خانىمنى ناھايىتى رازى قىلدى.

9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ليۇ خانىم 65320169 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، پونكىتقا كىرگەندىن كېيىن، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بېلەت تۈرى ئالدىدا، ليۇ خانىم ئون يۈەنلىك ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان «ئون ھەسسە ئامەت» نى تاللىدى، بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى بارماقلىرىنىڭ ئاستىدا رېتىملىق قىرىلىپ، كىچىك مۇكاپات چىقىپ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال قىلدى. قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ پۇخادىن چىقمىدى، مال ساتقۇچىدىن ھازىر يەنە 50 يۈەنلىك«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى بارمۇ-يوق بار بولسا بىر تال ئېلىپ بېرىڭ دېدى. لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن ئۆزى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قىرماقچى بولدى. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ بىر پارچە 50 يۈەنلىك« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ئۇنىڭغا ئامەت ئېلىپ كەلدى، لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندا « مۇكاپات نومۇرى» بىلەن« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ھەممىسىدە« 11» پەيدا بولدى، يەنە تۆۋەندىكى سوممىغا قارىسا، 10 مىڭ يۈەن ئىكەن. بىردەمدىن كېيىن، مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ توغرا سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ خانىمغا: « مۇبارەك بولسۇن، سىزگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى! » دېدى.

مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، ليۇ خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « مەن بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان، بۇ قېتىمقى تاسادىپىي مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى مېنى ھەم ھەيران قالدۇردى، ھەم خۇشال قىلدى، بۈگۈن مەن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ياخشى يېمەكلىكلەرنى يەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى قارار قىلدىم! » دېدى.

8.png

分享到: