新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ئاۋدى A6L ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-14 18:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش « ئەتىرگۈل كېلىشىمى» بولسا ئەتىرگۈلنى ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلىپ، رومانتىك، شېرىن مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى« ئەتىرگۈل ئېچىلسا ئامەت كېلىدۇ» باش تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيتى باشلانغان.

ليۇ ئەپەندى ئادەتتە«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنىلا ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65020029 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئوينىدى. دەسلەپتە ليۇ ئەپەندى« ئەتىرگۈل كېلىشىمى» دىن بىرنى سېتىۋالغان بولۇپ، قىرىپ بولغاندىن كېيىن، گەرچە ئۆزى ئالماقچى بولغان ئاۋدى A6 چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىچىك مۇكاپات چىققان ئىدى، كېيىن مۇكاپات بېلىتىنى« ئەتىرگۈل كېلىشىمى» گە ئالماشتۇرۇپ داۋاملىق قىرغان، قىرىپ بولغاندىن كېيىن مۆجىزە يۈز بەردى، لاتارىيە بېلىتىدە ئاپتوموبىل بەلگىسى پەيدا بولدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: « ھەي، مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، ماڭا ئاپتوموبىل مۇكاپاتى چىقتى!» دېگەن.

ئەينى چاغدا، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى، باشقا لاتارىيەچىلەر بۇ خۇشخەۋەرنى كۆپلەپ تارقاتتى، ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمۈشتى، ئۆزىنىڭمۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، ليۇ ئەپەندى ئەينى چاغدا ئاۋدى A6L ئاپتوموبىلىنى ئالالمىغان، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۇ ئايالى بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ، ئاۋدى A6L ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ كەتكەن.

9.png
分享到: