新闻详情

كوچىدىكى دۇكانلار نېمە ئۈچۈن ئۈندىداردا ھەق تۆلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما چىقىمداننى ياخشى كۆرمەيدۇ؟

发表时间:2020-10-16 13:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:توۋتىياۋ تورى

ما يۈنمۇ ئامالسىز: كوچىدىكى دۇكانلار نېمە ئۈچۈن ئۈندىداردا ھەق تۆلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما چىقىمداننى ياخشى كۆرمەيدۇ؟

توۋتىياۋ تورى خەۋېرى ،ئەلكۈيى تورى 16-ئۆكتەبىر تەرجىمىسى :

ھەممىمىزگە مەلۇم، كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ تور تەرىپىدىن زور دەرىجىدە ئۆزگەردى، كۆچمە ئالاقە تورى گۈللەنگەندىن كېيىن، ئەتراپىمىزدا ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇللىرى بارلىققا كەلدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، كۆچمە چىقىم، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل قاتارلىق نەرسىلەر پەيدا بولغاندىن كېيىن، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، بولۇپمۇ كۆچمە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ كەڭ تارقىلىشى تۇرمۇشىمىزغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتتى.

1.jpg

ئىلگىرى بىز سىرتقا چىققاندا ئازراق نەق پۇل ئېلىۋالساق ئاندىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولاتتى، ھازىر بىز سىرتقا چىققاندا پەقەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئېلىۋالساقلا بولىدۇ. كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يان تېلېفون ئارقىلىق ھەل بولىدۇ؛ بىز بازار ئايلانغاندا نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان چاغدا، يان تېلېفوننى بىۋاستە ئېلىپ سۈپۈرسىلا ھەق تۆلىگىلى بولىدۇ. ناھايىتى قولايلىق، كۆچمە ھەق تۆلەشنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىنى دېيىشكە بولىدۇ، بىز ئىشىكتىن چىققاندا پۇل قاپچۇقىنى ئېلىپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ. نەق پۇلسىزلاشقان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ!

2.jpg

دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمە ھەق تۆلەش بازىرىدا، بىز دېمىسەكمۇ بولمايدىغان كۆچمە ھەق تۆلەش ماگناتى يۇمشاق دېتالىدىن ئىككىسى بار. بىرى ما يۈن ئەلى بابانىڭ چىقىمدانى، يەنە بىرى بولسا ما خۇاتېڭنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەش بۇ ئىككى چوڭ كۆچمە ھەق تۆلەش يۇمشاق دېتالى جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم كۆچمە ھەق تۆلەش بازىرىنى« مونوپول» قىلىۋالدى دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتە ئادەت خاراكتېرلىك ھالدا بۇ ئىككى چوڭ كۆچمە چىقىم قىلىش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ پۇل تۆلەيدۇ، ئىككى خىل مىللىي دەرىجىلىك چىقىم قىلىشتا قوللىنىلىدۇ، چىقىمدان ۋە ئۈندىداردا 100 مىليوندىن ئارتۇق جانلىق ئابونت بار. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىزمۇ ئاساسەن ئۇلاردىن ئايرىلالمايمىز.

3.jpg

ئالىپاي ئەۋزەللىكى روشەن، ئۈندىداردىمۇ بوش كەلمەيدۇ!


جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ھەق تۆلەش بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ما يۈننىڭ چىقىمدانىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى بىر قەدەر بالدۇر. ئەينى چاغدا ھەتتا ئۈندىدارىمۇ يوق ئىدى، ئەلى چىقىمدانىنىڭ دەسلەپكى بارلىققا كېلىشىمۇ پەقەت تاۋباۋ ئابونتلىرىنىڭ پۇل تاپشۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالىپاي بارلىققا كەلگەندىن كېيىنكى تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ ناھايىتى تېز بولدى لېكىن ئۈندىدار دەسلەپتە پەقەت بىر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى بولۇپ، كۆچمە چىقىم قىلىش بازىرىدىكى بۇ چوڭ تورتنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۈندىداردىمۇ بوش كەلمەيدۇ، ناھايىتى تېزلا كۆچمە ھەق تۆلەش ئىقتىدارى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە نۇرغۇن ئابونتلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، كۆچمە چىقىم قىلىش بازىرىدا، چىقىمدان بىلەن ئۈندىدار چىقىمدانىنىڭ تەرەققىياتى ئىزچىل تۈردە   ئوتتۇرىسىدا بولۇپ كەلگەن.

4.jpg

كوچىدىكى دۇكانلار نېمە ئۈچۈن ئۈندىداردا ھەق تۆلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن چىقىمداننى ياخشى كۆرمەيدۇ؟


گەرچە چىقىمدان ۋە ئۈندىدار چىقىمدانىنىڭ خېرىدارلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتسەك، كوچىدا نۇرغۇن ئۇششاق تىجارەتچىلەر ياكى دۇكانلارنىڭ ئۈندىداردا ھەق تۆلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما چىقىمداننى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئۇنىڭ كەينىدىكى سەۋەب ما يۈننىمۇ ئامالسىز قالدۇردى. بۇ ئاساسلىقى يەنىلا ئىككى چوڭ يۇمشاق دېتالنىڭ خاسلىق ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈندىدار روشەن ئىجتىمائىي ئالاقە ئەۋزەللىكىگە ئىگە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىدار ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشقا ئادەتلەنگەن، بۇ جەرياندا، ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەشمۇ ناھايىتى تەبىئىي ئىش. ئالى چىقىمدانى پەقەت پۇل تۆلەش خاسلىقىغىلا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىپاي قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە بىزگە بەرگەن تەسىرى بولسا توردىن مال سېتىۋېلىش سۇپىسى مال سېتىۋالغاندا چىقىم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋالغاندا، پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ئاچساق تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن!

5.jpg

ئەمەلىيەتتە، ما يۈنمۇ ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ، شۇڭا ئىلگىرى چىقىمدان كۆپ قېتىم ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىگە كىرىپ تەرەققىي قىلىشنى سىناپ باقماقچى بولغان، ئالى چىقىمدانىمۇ بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئالاقە خاسلىقىغا ئىگە قىلىپ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا چىقىمداندىكى بىر نەچچە قېتىملىق سىناق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى مەيلى ئۈندىدار چىقىمدانى بولسۇن ياكى چىقىمدان بولسۇن ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئەۋزەللىككە ئىگە ئىشلىتىش دەرىجىسىمۇ بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىستېمال ئادىتىمىزگە باغلىق مەيلى ئۈندىدار بولسۇن ياكى ئالىپاي بولسۇن، بۇ ئىككى چوڭ ماگنات دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمە ھەق تۆلەش بازىرىدا ئىزچىل بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى، ئۆز ئارا تەرەققىي قىلغان، بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟


分享到: