新闻详情

شىنجاڭ قومۇل داخەيداۋدا بىر مەيدان «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» ئورۇنلاندى

发表时间:2020-10-16 13:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

يېقىندا، 2020-يىللىق دۇنخۇاڭ . قومۇل داخەيداۋ دەرىجىدىن تاشقىرى دالا چىدام مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقە كۆرۈرمەنلەرگە سەرخىل كۆرۈش سېزىمى تەسىراتى بېغىشلىدى، بۇ بىر مەيدان «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»، شۇنداقلا كۈچ بىلەن ماھارەتنىڭ ھەل قىلغۇچ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 1000 كىلومېتىر بولۇپ، گەنسۇ دۇنخۇڭ مىڭشا تېغىدىن باشلىنىپ، شىنجاڭ قومۇل داخەيداۋ يارداڭ يەر تۈزۈلۈشى توپىدا ئاخىرلىشىدۇ، مۇسابىقە يولىدا چۆللۈك، جىلغا، قۇملۇق، شورلۇق يەر قاتارلىق مۇرەككەپ يەر شەكللىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى 800 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا كەسپىي گۇرۇپپىدىكى ماھىر فەن گاۋشياڭ ۋە يول باشلىغۇچى جاۋ خەيياڭ 7 سائەت 35 مىنۇت 45 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن كەسپىي گۇرۇپپىدا چېمپىيون بولدى.


分享到: