新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى«يەتتە نۇمۇر شادلىقى»ئۇيۇنىدا مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-15 10:23作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«يەتتە نۇمۇر شادلىقى» ئويۇنى جانلىق، ئويناش ئۇسۇلىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇش، مۇكاپات سوممىسى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە تايىنىپ نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى جاۋ ئەپەندى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، جاۋ ئەپەندى بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 65280227 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا «يەتتە نۇمۇر» شادلىقىى ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرىنى«05 + 08 + 09 + 10 + 11 + 15 + 25 + 26» دىن ئىبارەت بۇ ئىزاھلىق سەككىز نومۇرلۇق قوشما نومۇرنى تاللاپ دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، لاتارىيەنى يانچۇقىغا سېلىپ باشقا ئويۇنلارنى تەتقىق قىلدى.

ئىككىنچى كۈنى كەچتە، «يەتتە نۇمۇر شادلىقى» 2020065-قارارلىق مۇكاپات نومۇرى« 08، 09، 01، 11، 15، 25، 26» نى ئېلان قىلدى، جاۋ ئەپەندى خۇشال ھالدا ئۆزى تاللىغان نومۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكى بارلىق مۇكاپات نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بايقىدى. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ بەخت ئىچىدە ھوشىدىن كەتكەندەك ھېس قىلىپ، ھاياجىنىنى باسالماي، دەرھال ئايالىغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېلېفون قىلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئېيتتى.

جاۋ ئەپەندى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، 1 مىليون 42 مىڭ 502 يۈەن مۇكاپات پۇلى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ نومۇرنى مەن ئون نەچچە يىل داۋاملاشتۇردۇم، ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم "يەتتە نۇمۇر شادلىقى" كىچىك مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. دو تىككەن نومۇرنىڭ ماڭا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار، شۇڭا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە بەك خۇشال بولدۇم! » دېدى.

1.png

分享到: