新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى: بۇنداق كاتتا مۇكاپات چىقىشنى ئويلاپ باقمىغان دېدى

发表时间:2020-10-15 16:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلەت تۈرى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بولۇپمۇ 150 مىليون يۈەنلىك جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەنلىكى ئۇلارنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالدى. « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» قىزىل رەڭلىك پۇل يۈزىدىكى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان خەت شەكلى كۆزنى ئادەتتىن تاشقىرى چاقنىتىدۇ، بۇ كۈز كۈنلىرىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە سىمۋول قىلىنغان، پۇل يۈزىدىكى« دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» دېگەن چوڭ خەتمۇ ئامەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چېن ئەپەندى 90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان بولۇپ، فۇكاڭ شەھىرىدىكى بىر كارخانىدا ئىشلەيتتى، 1 مېتىر 80 سانتىمېتىر كېلىدىغان بېشى كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى تىلغا ئالغىنىدا، ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى، قوش رەڭلىك توپتىن 3D غىچە، يەتتە نۇمۇر شادلىقىدىن تارتىپ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىغىچە، ئۇ بىلمەيدىغان ئۇيۇن يوق ئىدى، ئۇنى يېشى كىچىك «كونا لاتارىيەچى» دېيىشكە بولاتتى.

9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، چېن ئەپەندى يەنە ئۆزىگە ئەڭ تونۇش بولغان فۇكاڭ شەھىرى ئىتتىپاق غەربىي يولىغا جايلاشقان 65232602 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا كېلىپ، ئالدى بىلەن 10 تال قوش رەڭلىك توپ لاتارىيەسىگە دو تىككەندىن كېيىن، مال ساتقۇچى يەنە ئۇنىڭغا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان«دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ»يۈرۈشلۈك بېلىتىنى تەۋسىيە قىلدى، پائالىيەت قائىدىسى ۋە ئويۇن قائىدىسىنى تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كېيىن، چېن ئەپەندى كۆڭلىدە:«ئوينىساممۇ چوڭراقىنى ئويناي، بەلكىم 1 مىليون يۈەنگە ئېرىشەمدىم تېخى! ئەگەر 1 مىليون يۈەندىن ئاشمىسا، 10 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مۇكاپات چىقسا يەنە ئىككى ھەسسە مۇكاپات بېرىلىدۇ.» دەپ ئويلىدى، چېن ئەپەندى قىممىتى 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» تىن بىرنى تاللاپ، ئۇ بېلەت يۈزىنى قىرىپ بولغاندىن كىيىن بۇ لاتارىيە بېلىتىدىكى « مۇكاپات نومۇر» بىلەن« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ھەممىسىنىڭ« 28» ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق بىلەن بايقىدى، نومۇرنىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات سوممىسىنى قايتا كۆرگەندە، ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن سەكرەپ كەتتى ۋە مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن دەپ توۋلاپ كەتتى،بىر تال لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپلا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ خىل لاتارىيە بېلىتى ئىسما جىسمىغا لايىىق «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ئىكە، بەك خۇشال بولدۇم دېدى.

چېن ئەپەندى 50 يۈەنلىك« دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى قائىدىسىگە ئاساسەن، يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.

2.png

分享到: