新闻详情

قاراماي: ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى

发表时间:2020-10-16 17:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

  2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى بەيياڭخې چوڭ جىلغىسىدا، ساياھەتچىلەر تۇتاش كەتكەن ئالتۇن رەڭلىك توغراقلارنى تاماشا قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار مىن يۇڭ، ئەكرەم پەرھات خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر، بەيياڭخې چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى توغراقلىق ئالتۇن كۈزدىكى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، چوڭ جىلغىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن تۆۋەنگە قارىغاندا، ئالتۇن رەڭلىك توغراق، قىپقىزىل يۇلغۇن، ھەممە يەرنى قاپلىغان سۆكسۆك، ئاجايىپ ـ غارايىپ يارداڭلىق يەر شەكلى، ئەگرى ـ بۈگرى دەريا ئېقىنى ئۆزئارا بىرلىشىپ ھۆسن قوشۇپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلدى.

  ھەر يىلى 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئورقۇ رايونىدىكى ئون مىڭ مولۇق ئىپتىدائىي توغراقلىق، بەيياڭخې چوڭ جىلغىسىدىكى توغراقلىق، ئورقۇ بازىرىدىكى توغراقلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «كاتتا تون»غا پۈركىنىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.


分享到: