新闻详情

ئەخلەت مەيدانى ئۆزگىرىپ، چوڭ گۈللۈك باغچىغا ئايلاندى

发表时间:2020-10-16 18:24作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى
  خەلق تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز پەسلىدە، بوشلۇقتىن خەندەن شەھىرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان يۈەنبو باغچىسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا دەرىجىدىن تاشقىرى گۈزەل كۆرۈنەتتى. بۇ يەر ئىلگىرى ئەخلەت مەيدانى ۋە سانائەت تاشلاندۇق مەيدانى ئىدى. خەندەن شەھىرى جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش 2-ئىدارىسى ئاممىۋى بىناكارلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، يادرو مەدەنىيەت ساياھەت رايونى، ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر قوغداش رايونى ۋە يەتتە چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون ھەمدە يەنجاۋ مەدەنىيىتى كۆرگەزمە رايونىدىن 13نى بەرپا قىلىپ، ئەسلىدىكى ئەخلەت مەيدانى، تاشلاندۇق مەيداننى چوڭ گۈللۈك باغچىغا ئايلاندۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دەم ئېلىشى ۋە بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى «داكا» قىلىدىغان جايىغا ئايلاندۇردى.
شى ۋېنجې فوتوسى















分享到: