تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ يىگۇاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شىنجيا خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر، دەل توغراقتىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئەڭ گۈزەل مەزگىلدۇر، شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، كۈز مەنزىرىسى توغراقلىقنى ئالتۇن رەڭگە بويىدى.
دۇنيادىكى %90 توغراق جۇڭگودا بولۇپ، جۇڭگودىكى %90 توغراق شىنجاڭدىدۇر. ئەگەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توغراقلارنى بىر چوڭ ئائىلە دېسەك، ئۇنداقتا جىڭ ناھىيەسى تودوگ بازىرىدىكى توغراقلار كىچىك ئائىلىنىڭ ئەڭ يارقىن قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بىپايان چۆللۈكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقلار گۈزەل پەرىزاتقا ئوخشايدۇ. بۈك-باراقسان توغراق خۇددى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان زىننەت بۇيۇمىغا ئوخشاش، يېشىلدىن سېرىق، قىزىل رەڭلەرگە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.