新闻详情

شىنجاڭدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى قوزغاتقانلارنىڭ سانى 7 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى

发表时间:2020-10-17 12:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن): ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بولمىسىمۇ، نەق پۇل تۆلىمىسىمۇ، يان تېلېفوندا سىكاننېرلاش ئارقىلىقلا دورا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر دورا دۇكىنىدا، شەھەر ئاھالىسى چېن شيا دورا دۇكىنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى ئىشلىتىپ پۇل تۆلەپ دورا سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋالدى.

   چېن شيا مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن بەك قولايلىق ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق، بۇ خىل ئۇسۇل ھەم قولايلىق ھەم بىخەتەر ئىكەن!»

   10-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 4730 دوختۇرخانا، 6939 دورا دۇكىنىدا تور سىرتىدا كود سىكاننېرلاش، كارتىسىز ھېسابات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، دورا سېتىۋېلىشى تېخىمۇ قولايلاشقان.

   داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنىڭ «كود دەۋرى»گە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھالبۇكى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىپ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، 10-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى قوزغاتقانلار ئومۇمىي سانى 7 مىليون 270 مىڭغا يېتىپ، 633 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئارقىلىق تور سىرتىدا راسچوت قىلغان، راسچوت سوممىسى 102 مىليون 255 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكەن.

   ياشانغانلار ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى APP ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «قېرىنداشلىق مېھرى نومۇرى»نى قوزغىتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تونۇشتۇرۇپ، ياشانغانلار ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قوزغىتىپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

   داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سۇپىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش تارقىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىدىغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تور كەسپىنى بېجىرىشىدىكى بىردىنبىر سالاھىيەت ئىسپاتى   ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا بىر ئادەمگە بىر كود نومۇرى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار داۋالاش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى ئارقىلىق كودنى سىكاننېرلاپ كېسەل كۆرسىتىپ دورا سېتىۋالسا بولىدۇ.

   داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى تېخىمۇ قولايلىق، تېز، ئىشلىتىلىشى كەڭ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشتەك تۆت چوڭ ئەۋزەللىككە ئىگە، سۇغۇرتىغا تەكرار قاتنىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدامچىلىق قىلىپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا زەربە بېرىش قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

   نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى APP سۇپىسى، شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىAPP سۇپىسى، شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ كىچىك پىروگراممىسى، ۋېيشىن، جىفۇباۋ، ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ APPسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى»نى ئىزدەپ ئىلتىماس قىلسا، قوزغاتسا بولىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يىل ئىچىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ قوزغىتىش نىسبىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 5G، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىغا تولۇق تايىنىپ، «ئالاقە تورى + داۋالىنىش سۇغۇرتىسى» مېخانىزمى ۋە ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى كۆچمە ھەق تاپشۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇش بىلەن شەخسلەر ئۆزى ھەق تاپشۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئىشلىتىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.



分享到: