新闻详情

شىنجاڭدىكى ئىككى جاي دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر-ناھىيەسى بولۇپ ب

发表时间:2020-10-17 13:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو جۈنگې، پراكتىكانت مۇخبىر ليۇ ياچى): يېقىندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر-ناھىيەلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن ئىككى جاي تاللاندى.

  مۇخبىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېكىتىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە 87 شەھەر-ناھىيە باھالاش تەلىپىگە يېتىپ، 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر-ناھىيەسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. شىنجاڭدىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسى تاللانغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 35 رايونغا 4-تۈركۈمدىكى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى دەپ نام بەردى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەسى، بىڭتۇەن 9-شىسىنىڭ 161-تۇەنى تاللاندى.

  دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر-ناھىيە ۋە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە يېڭىلىق يارىتىش بازىسىغا نام بېرىش خىزمىتى 2017-يىلىدىن باشلانغان. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر-ناھىيە، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن رايونلارغا سىياسەت ۋە تۈرلەرنى مايىللاشتۇردى.



分享到: