新闻详情

2018-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇپراق بۇلغىنىشقا ئائىت تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرى يۈزبەرمىدى

发表时间:2020-10-17 16:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار چىن جىنلى، جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ 2020-يىللىق «تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى» قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدا تۇپراق بۇلغىنىشقا ئائىت تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسىدىن بىرىمۇ يۈزبەرمىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى، ئاخبارات باياناتچىسى ئايشەم يۇنۇس تاراتقۇلارغا ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2018-يىلى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ۋە سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بۇ يىللىق تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرىنىڭ باش تېمىسى «تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشۇش»تىن ئىبارەت، بۇ قېتىم ئاساسلىقى «تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلغان. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سانجى، شىخەنزە، قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى 11 ناھىيە(شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئۈچ تۇەنچاڭدىكى 43 نۇقتىغا بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەرھات توختى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش «تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قانۇنى»غا دائىر قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يەرنى ئاسرايدىغان، يەرنى قوغدايدىغان، بۇلغاش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىش؛ دىققەتنى قانۇن ماددىلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەر، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش-جازالاش ئەھۋالىنى چىڭ كۆزلەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن نۇقتىلارنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاممىنىڭ «يېمەكلىكتىن خاتىرجەم بولۇش، تۇرالغۇدىن خاتىرجەم بولۇش»ىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا تۇنجى قېتىملىق «قاراپ چىقىش»، شۇنداقلا بىر قېتىملىق قانۇن بويىچە بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشتىكى «قانۇن تەشۋىقاتى» ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى قارقېن قابدۇكېرىم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، «تۇپراق بۇلغىنىشىنى ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قانۇنى»نىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، يولغا قويۇلۇش ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بايقالغان. قانۇن يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم تىزگىنلەشكە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى، ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى خېلىلا ئۆسكەن. ھەر قايسى جايلار، ھەر قايسى تارماقلار تۇپراقنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تۇرالغۇ مۇھىت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش، مۇھىتنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۇپراق مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، 2018-يىلىدىن بۇيان بىر قېتىممۇ تۇپراق بۇلغىنىشقا ئائىت تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى نەق مەيداندا سوئال سورىماقتا.

  ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى بولغان. شىنجاڭدا شەھەر-بازار تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۈپ بىرتەرەپ قىلىش مەيدانىدىن 87سى قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 79ى 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، بارلىق شەھەر، ناھىيەلەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. كورلا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، بورتالا شەھىرى، يەكەن ناھىيەسىدىكى تۆت تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ توك چىقىرىش، بىرتەرەپ قىلىش مەيدانى ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلگەن، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى ۋە فۇكاڭ شەھىرىدىكى ئۈچ ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش مەيدانى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ قايتا ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلغان.

  تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى جۇڭخۇا مۇھىت ئاسراش ئەسىرى سەپىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان قانۇن نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكىنى بىر گەۋدە قىلغان بىر تۈرلۈك قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش تۈرى بولۇپ، ھەر يىلدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇلىدۇ، 1997-يىلى قانات يايدۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە ئۇدا 24 قېتىم قانات يايدۇرۇلدى.



分享到: