新闻详情

شىنجاڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى يىلمۇيىل ئۆستۈردى

发表时间:2020-10-17 17:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىن): «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى يىلمۇيىل ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتتىكى ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر مېيىپلەر، ئېغىر كېسەللەر (قىسقارتىلىپ تۆت خىل كىشىلەر دېيىلىدۇ)نىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ئېيىغا 500 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، 2016-يىلىدىكى ئېيىغا 376 يۈەندىن يەنە 124 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، %33 ئاشۇرۇلدى؛ يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى يىلىغا 4100 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، 2016-يىلىدىكى يىلىغا 2855 يۈەندىن يەنە 1245 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، %44 ئاشۇرۇلدى، 2020-يىلى شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى سەۋىيەسى ئېيىغا 375 يۈەن بولۇپ، 2016-يىلىدىكى ئېيىغا 300 يۈەندىن يەنە 75 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، %25 ئاشۇرۇلدى؛ يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى سەۋىيەسى ئېيىغا 256 يۈەن بولۇپ، 2016-يىلىدىكى 161 يۈەندىن يەنە 95 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، %59 ئاشۇرۇلدى.

   شىنجاڭ «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شەھەر، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمى ئارقىلىق، جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەر يىلى بېكىتىلگەن شىنجاڭدىكى شەھەر، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدىن سەل يۇقىرى بولۇپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى «13-بەش يىل»دا قۇتقۇزۇش ئوبيېكتلىرىنى راست نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان، ھەمدە كەسىپكە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز قالغان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ئىچىدە ئائىلىسىگە تايىنىپ بېقىلىدىغان ھەم ئۆز ئالدىغا نوپۇس تۇرغۇزۇشقا ئامالسىز قالغان ئېغىر مېيىپ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار يالغۇز كىشىلىك ئائىلىلەر بويىچە يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىدىن 1 مىليون 780 مىڭى بار، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى «تۆت خىل كىشىلەر»نىڭ نىسبىتى 2016-يىلىدىكى %44تىن %72كە ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ياردىمىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.



分享到: