新闻详情

ئالى بابانىڭ چوڭ پايچىكى  قەرىزگە بوغۇلدى

发表时间:2020-10-19 13:41作者:爱酷艺网来源:今日头条

ئالى بابانىڭ چوڭ پايچىكلىرى1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ، ھەر كۈنى 300 مىليون يۈەن ئۆسۈم قايتۇرىدۇ،ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ يەنە قەد كۆتۈرۈش پۇرسىتى بارمۇ؟

توۋتىياۋ تورى خەۋېرى،ئەلكۈيى تورى 19-ئۆكتەبىر تەرجىمىسى :جۇڭگوئالاقە تورى ئېلېكتىرونلۇق سودا چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشىنىمەنكى، ئالى بابا نۇرغۇن كىشىلەگە نىسبەتەن ئىنتايىن تونۇش، ئالاقە تورى كەسپى ماگناتى بولغان ئەلى بابانىڭ بۇ بىر نەچچە يىللىق تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تېز بولدى، ما يۈن ئەلى بابانىڭ غايەت زور پايدىسىغا تايىنىپ، ئادەتتىكى كىشىدىن جۇڭگودىكى تۇنجى بايغا ئايلاندى، مايۈنمۇ بىزگە ئالاقە تورى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىنى نامايان قىلدى. ھەممە ئادەم ما يۈننىڭ ئەلى بابا شىركىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن ئەلى بابانىڭ بۇنداق چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىشى ئەلى بابا چوڭ پايچىكلىرىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ،لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئەلى بابا چوڭ پايچىكى قەرز ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى.

مۇنازىرە تېمىسى: ئەلى بابا چوڭ پايچىكى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن قەرزگە بوغۇلدى، ھەر كۈنى 300 مىليون يۈەن ئۆسۈم قايتۇرىدۇ، يەنە« قەد كۆتۈرۈش» پۇرسىتى بارمۇ؟

1.png


ئالى باباغا مەبلەغ سېلىپ چوڭ پايچىكقا ئايلانغان ئادەم بىزگە تونۇشلۇق بولغان ياپونىيەدىكى بىرىنچى باي سۈن جېڭيى، سۈن جېڭيى يەنە ياپونىيە يۇمشاق بانكا گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى، ئەلى بابانىڭ ھازىرقى نامى ۋە تەرەققىياتى بار، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سۈن جېڭيىنى ئەلى بابانىڭ ئۇلى ۋە يىتەكلىگۈچىسى دېيىشكە بولىدۇ، سۈن جېڭيىمۇ ئەلى بابادىن ناھايىتى كۆپ مەنپەئەتكەئېرىشكەن، شۈبھىسىزكى بۇ سۈن جېڭيىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مەبلەغ سېلىش ھېسابلىنىدۇ. ئالى بابا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ۋال كوچىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن 5 مىليون دوللار مەبلەغكە ئېرىشكەن، گەرچە 5 مىليون دوللار ئەينى دەۋرئۈچۈن غايەت زور بايلىق ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ھەر قانداق بىر كارخانا مەبلەغ سالغان دەسلەپكى مەزگىلدە زور مىقداردىكى مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولغان، ئەلۋەتتە بۇ 5 مىليوندوللارنىمۇ ئەلى بابا ناھايىتى تېزلا« كۆيدۈرۈپ تۈگەتكەن» .

2.jpg


ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى كۆيدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەلى بابانىڭ تەرەققىياتىمۇبىر ئىزدا توختاپ قالدى، زور مىقداردىكى تەرەققىيات مەبلىغىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ ئەلى بابانىڭ ما يۈن 1999-يىلى بېيجىڭغا كېلىپ، ئەلى بابا ئۈچۈن قايتىدىن مەبلەغ ئىزدىدى،بېيجىڭدىكى ما يۈنمۇ سۈن جېڭيى بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشتى. سۈن جېڭيى ما يۈن بىلەن بىر نەچچە مىنۇت پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەرىكەتنى قىلدى، سۈن جېڭيى ئەلى بابا ئۈچۈن 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالماقچى بولدى، گەرچە قىسقىغىنە بىر نەچچە مىنۇت پاراڭلاشسىمۇ، بىراق ئاللىقاچان مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسىگە ئىگە سۈن جېڭيى، ئالاقە تورى ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ سودا پۇرسىتىنى ھېس قىلدى، ئەمەلىيەتمۇ سۈن جېڭيىنىڭ بۇ قېتىمقى مەبلىغىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.سۈن جېڭيى 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال يەنە ئەلى بابانىڭ مەبلىغىگە 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قوشتى، بۇ غايەت زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق،ئەلى بابانىڭ بىر قېتىملىق ئىنتايىن گۈزەل قەد كۆتۈرۈشىنى تاماملاپ، تېزلىكتە جۇڭگونىڭكەڭ بازىرىنى ئاچتى، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، سۈن جېڭيى بۇ غايەت زور مەبلەغكە تايىنىپ، ئەلى بابانىڭ بىرىنچى چوڭ پايچىكىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

3.png

ئەمدىلىكتە ئەلى بابانىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن سۈن جېڭيى، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى قەرزى ئەڭ كۆپ ئادەم بولدى، ياپونىيەدىكى تۇنجى باي دۆلەتتىن ياپونىيەدىكى تۇنجى مەنپىي ئادەمگە ئايلىنىپ   قالدى. مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇمشاق بانكا گۇرۇھىنىڭ تىجارىتىدە 1 تىرىليون350 مىليارد ياپونىيە يىنى زىيان تارتقان بولۇپ، قەرز سوممىسى 173 مىليارد ئامېرىكادوللىرىغا يەتكەن، بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن بولغان، سۇن جېڭيىمۇ يۇمشاق بانكا گۇرۇھىنىڭ% 20 پېيىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ھېسابلاپ كۆرگەندە، سۈن جېڭيىنىڭ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 مىليون يۈەن ئۆسۈمىگە ئېھتىياجلىق بولغان، بۇ يۇقىرى قەرزگە سېلىشتۇرغاندا، يۇمشاق بانكا گۇرۇھى مەبلەغ سالغان 88 شىركەت بىۋاسىتە ۋەيران بولغان.

سۈن جېڭيى بۇ قەرزلەرگەقارىتا ئەلى بابانىڭ پاي چېكىنى ئىشلىتىپ قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بىراق بۇ يەنىلاھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ، قەرزنى ھەقىقىي قايتۇرۇش يەنىلا بەلگىلىك قىيىنلىققا ئىگە،سۈن جېڭيى مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى چوڭ ئاكا ھېسابلىنىدۇ، قائىدە بويىچە ئېيتقاندامەبلەغ سېلىش نەزىرى ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە توغرا بولۇشى كېرەك، ئەمما بۇ بىر قاتار مەبلەغ سېلىشنىڭ مەغلۇپ بولۇشى كىشىلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ بەلگىلىك ناچار ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇتتى.

4.png


سۈن جېڭيىنىڭ قەرزىنىڭ بۇنچە كۆپ بولۇشى يۇمشاق كۈمۈش گۇرۇھىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋەتلىك،سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇمشاق كۈمۈش گۇرۇھىنىڭ قەرزى 25 تىرىليون 900مىليارد يېندىن ئېشىپ كەتكەن، سۈن جېڭيى يۇمشاق كۈمۈش گۇرۇھىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەرز ئەھۋالىدىن تەبىئىي ھالدا قېچىپ قۇتۇلالمىغان، ھەمدە چوڭ كۆرسەتكۈچلۈك قەرزنىسبىتىدىن قارىغاندا، يۇمشاق كۈمۈشتە ھازىر يەنىلا قەرز ئەھۋالى كۆرۈلگەن، گەرچە قەرزئەھۋالىدا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن قەرز نىسبىتىگە سەل قاراشقابولمايدۇ.

سۈن جېڭيى ھازىر قەرزگەبوغۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەلى بابانىڭ پاي چېكىنى تولۇق سېتىپ قەرزنى قايتۇرمايدۇ. سۈن جېڭيى مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى قېرى تۈلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەلۋەتتە ئالىبابانىڭ ھازىرقى قىممىتىنى بىلىدۇ، ئىلاجسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغۇچە، سۈن جېڭيى ئاسانلىقچە ساتمايدۇ، 2014 – يىلىلا، سۈن جېڭيى ئەلى بابانىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تايىنىپ،شەخسىي بايلىقى 16 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى بۇنىڭدىن ئەلى بابانىڭ مەبلەغ سېلىش پايدىسىنىڭ باشقا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ سېلىشتۇرغاندا، ئەلى بابا سۈن جېڭيىنىڭ ئەڭ توغرا، ئەڭ مۇنەۋۋەر بىر قېتىملىق مەبلىغى ھېسابلىنىدۇ. ئالىنىڭ پېيىمۇ سۈن جېڭيىنىڭ ئەڭ ئەلا مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.

5.png

ھەممەيلەن ئۆيدىن كېچىچەيامغۇر ئۆتۈپ كەتتى دېيىشتى. بۇ سۆز سۈن جېڭيىنى سۈپەتلىسە ئازراقمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. سۈن جېڭيى قەرزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، باشقا كارخانا تۈرلىرىگىمۇ مەبلەغ سالدى،لېكىن ھېچكىم ئەلى باباغا ئوخشاش سۈن جېڭيى يەنە نۇرغۇن چولپان كارخانىلىرىغىمۇ مەبلەغ سېلىپ ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولدى. نەتىجىدىمۇ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، كۆپ قىسىم مەبلەغنى بارسا كەلمەس مەبلەغ دېيىشكە بولىدۇ. پاي چېكىنىڭ بازاردىكى قىممىتىمۇ زوردەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى ياپونىيىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك بايلىقتىن تارتىپ، ياپونىيىدىكى تۇنجى مەنسەپكە ئېرىشكەن سۈن جېڭيىغىچە، بەلكىم ئۆزىمۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇنداق ئەگرىـى توقايلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

6.jpg

سۈن جېڭيىنىڭ ئەمەلىيەتتەبۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇسلۇبى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەيلى ئەلى باباغا مەبلەغ سېلىش بولسۇن ياكى باشقا مەبلەغ سېلىش بولسۇن، سۈن جېڭيى ئىزچىل ھەيۋەتلىك مەبلەغ سېلىش ئۇسلۇبىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. مەبلەغ سېلىش كەسىپ ئەھلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى خەۋپ-خەتەر ۋە مەنپەئەتنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك، بىر خىل قاراملىق بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا بولمايدۇ،تەلەيمۇ ھەر ۋاقىت سىزنىڭ بېشىڭىزغا كېلىۋەرمەيدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغاتايىنىپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىن كېيىن، ئاندىن تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ، بۇ ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قاتلاملىق سۇغۇرتىغائوخشايدۇ، ئەگەر سۈن جېڭيى ئۆزىنىڭ نۇقسانى ۋە يېتەرسىزلىكىنى بالدۇرراق تونۇپ يەتسە،بۈگۈنكى كۈندىمۇ قەرز بولۇپ قالماسلىقى مۇمكىن. مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ كاللىسى ۋە توغرا ھۆكۈمىگەتايانغاندىلا ئاندىن يەتكىلى بولىدۇ، قىلتاق ۋە تىكەنلەرگە تولغان بۇ مەبلەغ سېلىش يولىدا قارىسىغا ئىلگىرىلەش ۋە قارىغۇلارچە ئىش قىلىشنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى توختىماي موللاق ئاتقۇزىدىغان توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ.


分享到: