新闻详情

شايار يۆلياڭۋەننىڭ كۈز مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى

发表时间:2020-10-20 17:28作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت ئارامگاھىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۈتاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شايار يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت ئارامگاھىدا، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىق، تارىم دەرياسى، كۆك ئاسمان ئۆزگىچە كۈز مەنزىرىسى ھاسىل قىلغانىدى، مەنزىرە رايونى يېقىن ئەتراپتىكى تارىم دەرياسى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئۆزگىچە سۇ ئۈستى سەيلىسى توغراق ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت كەنتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى تارىم يېزىسى چىگەگېرەم كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، توغراقلىق ۋە تارىم دەرياسىنىڭ دەريا يولى مەنزىرىسىدىن تەركىب تاپقان. سۇ رايونىنىڭ شەكلى ئايغا ئوخشىغاچقا، يۆلياڭۋەن دەپ ئاتالغان. ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا يىراقتىن قارىسىڭىز، تارىم دەرياسىنىڭ سۈزۈك دولقۇنلىرى خۇددى ئالتۇن پارچىلىرىنى چېچىۋەتكەندەك يالتىراپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ؛ دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە پۈركەنگەن بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆزىگە خاس سالاپەت بىلەن دەريا سۈيىدىكى شولىسىغا ئەگىشىپ، مۇكەممەل بىرىكىپ، چەكسىز گۈزەللىك ھاسىل قىلىدۇ؛ دەريا يۈزىدە ساياھەت پاراخوتلىرى ۋە سەيلە كېمىلىرى ئۆتۈشۈپ، ئالدىراش مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ؛ دەرياغا يېقىن قىرغاقتا، بىر توپ ئاق ئۆردەكلەر ئەركىن ئۈزۈشۈپ يۈرىدۇ؛ مەيىن شامال مەنزىرە رايونىنىڭ ئاسما يولىدا رەڭدار چاقپەلەكلەرنى سىيپاپ ئۆتۈپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ كۈزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە غەرق قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى 8-ئايدا، تارىم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، چىگەگېرەم كەنتىدىكى 25 ئائىلىلىك دېھقان مەبلەغ توپلاپ شايار ناھىيەسى شۈيجىيۈن ئىستىراھەت ساياھەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت ئارامگاھىنى ھۆددىگە ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتكەن. يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت ئارامگاھىنىڭ پايچەكلىرىنىڭ بىرى بولغان خۇ خۇڭيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كوپىراتىپ تارىم دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا 2-، 3-قارارلىق ئىستىراھەت ئارامگاھىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، خاس پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتىپ، كەنتنى گۈزەل ساياھەت كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى «ساياھەت تامىقى»غا ئىگە قىلىدۇ.



分享到: