新闻详情

ئاۋات ناھىيەسى: ۋەنتوۋنيۇ مەركەزلىك باقمىچىلىق بازىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتتى

发表时间:2020-10-20 17:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى
ۋەنتوۋنيۇ مەركەزلىك باقمىچىلىق بازىسىدا، باقمىچى كالىلارغا يەم-خەشەك بەرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يەنچى خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىرلار ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرىدىكى ۋەنتوۋنيۇ كالا مەركەزلىك باقمىچىلىق بازىسىغا كەلگىنىدە، باقمىچىلار كالا قوتىنىنى تازىلاش، يەم-خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بۇ باقمىچىلىق بازىسىنى ئاۋات ناھىيەلىك نيۇبېن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھۆكۈمەت يۆلەش، كوپىراتىپ يۈرۈشتۈرۈش، باقمىچىلار قاتنىشىش ئۇسۇلى بىلەن قۇرغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ تارقاق بېقىشىنى قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەركەزلىك باقمىچىلىققا ئايلاندۇردى.» دېدى تامتوغراق بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى مۇخەبەت مەمەت، مەركەزلىك بېقىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، باقمىچىلارنىڭ تۇرمۇشى «قالتىس» بولۇپ كەتتى.

  «مەركەزلىك بېقىش، تارقاق بېقىشنىڭ يېزا-كەنت مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتتى، ھازىر كەنتنىڭ مۇھىتى تېخىمۇ پاكىزلاندى» مۇخەبەت مەمەت مۇنداق دېدى: تامتوغراق بازىرى ھەر كۈنى قوتاندىكى كالىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، كارانتىن قىلىش ھەمدە باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشكە مەخسۇس تېخنىك خادىم ئاجراتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋەنتوۋنيۇ مەركەزلىك باقمىچىلىق بازىسى «بىرتۇتاش پەرۋىش قىلىش، بىرتۇتاش بېقىش، بىرتۇتاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش سېتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىپ، باقمىچىلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بارغان، ھەر بىر كالىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 250 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.


分享到: