新闻详情

تۆگە باقمىچىلىقى بېيىشقا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى

发表时间:2020-10-20 18:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بوستان يېزىسىنىڭ يىرقاباق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى پاتېقان ئۆيىدە 30 نەچچە تۆگە باقتى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار يۈ جياڭيەن، دوۋ شىڭجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سانات داكەن، بۇرلان خەۋىرى، فوتوسى): بۇرۇن، شىنجاڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يايلاق كۆچۈشتە كىگىز ئۆي، قازان-قومۇچ، قاچا-قۇچىنى ئارتىشقا ئىشلىتىدىغان تۆگە، ھازىر يۈك-تاقلارنى ئارتىپلا قالماي يەنە «بايلىق ئارتىلىپ»، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى يېڭى ئۈمىدى بولۇپ قالدى.

  ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر تۆگە بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى

  «ھازىر بىر كۈنلۈك تۆگە سۈتى سېتىپ قىلغان كىرىمنىڭ ئۆزىلا 700 يۈەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇستەھكەملەش كاپالەتكە ئىگە بولدى» پاتېقان كۆڭلىدە سان بار ھالدا شۇنداق دېدى.

  پاتېقان مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بوستان يېزىسى يىرقاباق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئۆيىدە 30 نەچچە تۆگە باقىدۇ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتە، پاتېقان بىلەن خوتۇنى تۆگە قوتىنىغا كېلىپ، تۆگە سۈتى سېغىشقا تەييارلاندى.

  «بۈگۈن، تۆگە سۈتى سېتىۋالىدىغان كەسپىي خادىم كېلىدۇ، يەنە ئىككى تۆگىدىن ئازراق سۈت ساغقىلى بولىدۇ.» پاتخان تۆگىنى يېنىك شاپىلاقلاپ، بېشىنى سىلاپ، تۈكلىرىنى سىيرىپ، ئالدى بىلەن تۆگىگە «تەسەللى بېرىپ»، ئاندىن سۈت سېغىشقا باشلىدى.

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بوستان يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يىرقاباق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاناتبېك تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بوستان يېزىسىدا جەمئىي 1700دىن ئارتۇق تۆگە بېقىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يىرقاباق كەنتىدىلا 700دىن ئارتۇق تۆگە بار، يىرقاباق كەنتى بوستان يېزىسىنىڭ تۆگە بېقىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەنتى.

  نۆۋەتتە، يىرقاباق كەنتىدە توققۇز ئائىلىلىك تۆگە بېقىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە ئائىلە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە، تۆگە باقمىچىلىقى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

  تۆگە سۈتى بازىرى ئېھتىياجىنىڭ جانلىنىشى تۆگە باقمىچىلىقىغا تۈرتكە بولدى

  مۇخبىرلارنىڭ مورى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مورى ناھىيەسىدە قوتاندا بار تۆگىنىڭ سانى 12 مىڭ بولۇپ، مورى ناھىيەسىنىڭ چۆرېن ناھىيەسى، چوقبارتاش يېزىسى، بوستان يېزىسىدا بېقىلىدىغان تۆگىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

  شىنجاڭ لوگەنلىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2004-يىلى مورى ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ، 2009-يىلى تۆگە سۈتى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن، دەسلەپتە شىنجاڭ لوگەنلىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ خۇڭخەي تۆگە سۈتىنى بازارغا ئومۇملاشتۇرۇشقا ناھايىتى كۈچ سەرپ قىلغان، يېقىنقى ئىككى يىلدا تۆگە سۈتىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش قىممىتى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، خېرىدارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ سېتىۋالغان. نۆۋەتتە مورى ناھىيەسىدە كۈنىگە ئۈچ توننا ئەتراپىدا تۆگە سۈتى سېتىۋېلىنىدىكەن. «يېقىنقى ئىككى يىلدا، تۆگە سۈتىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە، نۆۋەتتە تۆگە سۈتىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامىن 40 يۈەن بولدى.» دېدى جياڭ خۇڭخەي.

شىنجاڭ لوگەنلىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۆگە سۈتى پاراشوكى.

  جۇڭگو چارۋىچىلىق جەمئىيىتى تۆگە شۆبە جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىقتىسادىي ھايۋانات مۇدىرى ئازات زۇلقەر شىنجاڭ تۆگە تەتقىقاتىدىكى باش مۇتەخەسسىس، ئازات زۇلقەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دېھقان-چارۋىچىلار بىر چىشى تۆگە باقسا، بىر يىلدا پەقەت تۆگە سۈتىدىنلا 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىكەن، بىر ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى بىر چىشى تۆگە باقسا، ئاساسىي جەھەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن.

  ئۇزۇن قاش تۆگە سورتىنى ياخشىلاپ، باقمىچىلىقنى كېڭەيتىپ، مورىنىڭ ئەۋزەل ماركىسىنى يارىتىش

  ئازات زۇلقەر مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تۆگە باقمىچىلىقى بار، شىمالىي شىنجاڭدا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى تۆگە باقمىچىلىقىدىكى ئاساسلىق رايون. مورى ناھىيەسىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى شۇكى، بۇ يەردە دۇنيا بويىچە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان سورت — ئۇزۇن قاش تۆگە بار. 2010-يىلى شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى مورى ناھىيەسىدە ئۇزۇن قاش تۆگە قوغداش تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، 2015-يىلى مەملىكەتلىك چارۋىچىلىق باش پونكىتى مورى ناھىيەسىگە «جۇڭگو ئۇزۇن قاش تۆگە ماكانى» دەپ نام بەردى، 2017-يىلى مورى ئۇزۇن قاش تۆگىسى دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى تىزىملاپ قوغداشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى.

مورى ناھىيەسىدىكى ئۇزۇن قاش تۆگىنىڭ بېشى شىرغا ئوخشايدۇ.

  ئۇزۇن قاش تۆگە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى مورى ناھىيەسىدە سورتنى ياخشىلاش ھەمدە ئۇزۇن قاش تۆگە باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدى. توڭلىتىلغان ئىسپېرما تۆرەلمە كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئۇزۇن قاش تۆگە توپى سانى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىلدى، 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئازات زۇلقەر تەتقىقات ئەترىتىنى باشلاپ مورى ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن توڭلىتىلغان ئىسپېرما تۆرەلمە كۆچۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلدى.

  ھازىر، مورى ناھىيەسىدە 600دىن ئارتۇق سۈت چىقىدىغان ئۇزۇن قاش تۆگە بار. «ئۇزۇن قاش تۆگە سۈت پاراشوكى كارخانىمىزنىڭ بىردىنبىر بايلىقى» جياڭ خۇڭخەي مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇزۇن قاش تۆگە پاراشوكىنى تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىپ، مورىنىڭ ئەۋزەل ماركىسىنى يارىتىمىز.





分享到: