新闻详情

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مەرگەنلەر رەت تەرتىپى

发表时间:2020-10-20 21:38作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020101921122469175.jpg

2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى مۇسابىقىلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، يېقىندا ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى ئارقىلىق، ئەڭ يېڭى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسى بۇ رەت تەرتىپتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن، يەنە كېلىپ بۇ ئىككى ماھىر بۇ رەت تەرتىپتىكى كىرگۈزگەن توپ سانى 100دىن ئاشقان توپچىلار ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1-كرىستىيانو رونالدو: 131 توپ كىرگۈزگەن

2-مېسسى: 118 توپ كىرگۈزگەن

3-رائۇل: 77 توپ كىرگۈزگەن

4-لېۋاندوۋىسكى: 75 توپ كىرگۈزگەن

5-ئىنزاگى: 70 توپ كىرگۈزگەن

2020101921154245589 (1).jpg

ئالتىنچى ئورۇندىن 10-ئورۇنغىچە تىزىلغان توپچىلار: شېۋچېنكو (67 توپ)، بېنزېما (66 توپ)، ۋاننېستىلروي (62 توپ)، گرېد مۇللېر (62 توپ)، ئاگۈيرو (61 توپ).

11-ئورۇندىن 17-ئورۇنغىچە تىزىلغان توپچىلار: ھېنرى (59 توپ)، لارسون (59 توپ)، ئىبراھىموۋىچ (57 توپ)، ئېئۇسېبىئو (56 توپ)، خۇنتېلار (55 توپ)، پىئېرو (54 توپ)، دېروگبا (50 توپ)

2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىلىرى بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە باشلىنىدۇ.


分享到: