新闻详情

بارسېلونا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇدا 36 مەيدان مەغلۇپ بولمىدى

发表时间:2020-10-20 21:42作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020102010530841479.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر 3:00تىكى 2020-2021 پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، بارسېلونا نوكەمپو مەيدانىدا فېرېنېكۋاروس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بارسېلونا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى نوكەمپو مەيدانىدا ئوينالغان مۇسابىقىلەردە ئۇدا 36 مەيدان مەغلۇپ بولمىدى.

بارسېلونا بۇ 36 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 32 مەيدانىدا غەلبە قىلىپ تۆت مەيدانىدا تەڭلەشكەن، پەقەت مادرىد ئاتلېتكا، يۇۋېنتۇس، توتتېنھام ۋە سلاۋىيا پراخا قاتارلىق كوماندىلار بىلەن تەڭلەشكەن. بارسېلونانىڭ ئالدىنقى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ساھىبخان مەيداندا مەغلۇپ بولغان ۋاقتى 2013-يىلى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار نوكەمپو مەيدانىدا 0-3 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. بۇنىڭدىن باشقا، بارسېلونا بۇ 36 مەيدان مۇسابىقىدە 107 توپ كىرگۈزگەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەرمەيداندا 2.97 توپ كىرگۈزگەن. بۇ 36 مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى 37 توپ، سۇئارېز 17 توپ، نېيمار 16 توپ كىرگۈزگەن.


分享到: