新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچى: يۇۋېنتۇس vs كىيېۋ دىنامو مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-20 21:43作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020102013335657701.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 0:55تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا كىيېۋ دىنامو بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ يۇۋېنتۇسنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى، ئەمما بۇ مۇسابىقىدە كرىستىيانو رونالدو مەيدانغا چىقالمايدۇ، بۇنىڭغا قارىتا يۇۋېنتۇس باش ترېنېرى پىرلو چوقۇم ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. يۇۋېنتۇس ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ھۆكۈمرانى، ئۇلارنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۇدا چېمپىيون بولۇۋاتقىنىغا توققۇز مۇسابىقە پەسلى بولدى، لېكىن ئۇلار كىيېۋ دىناموغا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئۇكرائىنا بىرلەشمىسىدىكى بۇ كوماندا ھازىر بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كرىستىيانو رونالدو يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، شۇڭا يۇۋېنتۇس چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ مۇسابىقىگە ئاتلىنىشى كېرەك، بولمىسا ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 0:55

مۇسابىقە ئورنى: كىيېۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى

2020102013334793109.jpg

بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

1. يۇۋېنتۇسنىڭ ئەمەلىي كۈچى زور، ئەمما كرىستىيانو رونالدو يوق

يۇۋېنتۇسنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ھەممىگە ئايان، ئۇلار 2011/2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان ئۇدا توققۇز قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، گەرچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى باشلىنىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇدا 10 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىقى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ. يۇۋېنتۇس بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە ئارتۇر، كىچىك كىئېسا، مىككېننى، موراتا قاتارلىق ياش، قالتىس توپچىلارنى قوشۇۋالدى، كرىستىيانو رونالدو ۋە دىبالامۇ كوماندىدا، شۇڭا پىرلومۇ بۇ كوماندىنى يېتەكلەپ داۋاملىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئىشەنچىگە ئېرىشتى. بىرلەشمىگە سېلىشتۇرغاندا، يۇۋېنتۇسنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇلار يېقىنقى ئالتە يىلدا ئىككى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى، ئەمما ئىزچىل چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى، ئالدىنقى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ۋاقتىمۇ 1996-يىلى، 24 يىل بولدى!

بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى رەسمىي باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۇۋېنتۇسنىڭ تۇنجى مەيداندىكى رەقىبى بولسا ئۇكرائىنا بىرلەشمىسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كىيېۋ دىنامو، ئۇلار مېھمان مەيداندا بۇ كوماندىنى مەغلۇپ قىلىپ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. لېكىن، «ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى شاھى» كرىستىيانو رونالدو يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا موراتا، كىچىك كىئېسا، دىبالا قاتارلىق توپچىلار يۇۋېنتۇسنىڭ ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك!

2020102013333674622.jpg

2. ئۇستاز بىلەن شاگىرتنىڭ ئۇچرىشىشى

پىرلونىڭ ترېنېرلىق ھاياتى ئەمدى باشلاندى، لېكىن ئۇنىڭ نىشانى يۇۋېنتۇسنى باشلاپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى رەقىبى كىيېۋ دىنامونىڭ باش ترېنېرى لۇسېسكۇ پىرلونىڭ ئۇستازى بولۇپ، پىرلو 15 ياش ۋاقتىدا دەل لۇسېسكۇ ئۇنى برېسىيانىڭ بىرىنچى سېپىغا چىقارغان، پىرلومۇ رۇمىنىيەلىك بۇ داڭلىق ترېنېرنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنى قايرىپ تۇرساق، بۇ ئۇستاز-شاگىرتلارنىڭ ئۇچرىشىشىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا، ترېنېرلىق ھاياتىدىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىلا ئۇستازى بىلەن ئۇچرىشىش بەلكىم پىرلونىڭ ئامىتى بولۇشى مۇمكىن.

2020102013334259030.jpg

3. كىيېۋ دىنامو داۋاملىق ئىلگىرىلىيەلەمدۇ؟

كىيېۋ دىنامو ئۇكرائىنادىكى داڭلىق كوماندا، ئۇلارمۇ بىرلەشمىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئالتە ئايلانمىدا تۆت قېتىم ئۇتۇپ ئىككى قېتىم تەڭلىشىشتەك نەتىجە بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. گەرچە كىيېۋ دىنامونىڭ بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە داۋاملىق ئىلگىرىلىشى ئىنتايىن تەس، چۈنكى G گۇرۇپپىدا يۇۋېنتۇسلا ئەمەس، يەنە بارسېلونامۇ بار، ئۇلارنىڭ يۇۋېنتۇس ۋە بارسېلونانى ئارقىدا قالدۇرۇپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش باسقۇچىغا كىرىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. كىيېۋ دىنامونىڭ ئالدىنقى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان ۋاقتى 2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئالتە ئايلانمىدا بىر قېتىم ئۇتۇپ ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن ھەمدە ئۈچ قېتىم ئۇتتۇرغان، يەنە تېخى ئىتالىيە كوماندىلىرى بىلەن ئوينىغان يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە تۆت قېتىم تەڭلىشىپ ئالتە قېتىم ئۇتتۇرغان، بىر قېتىممۇ غەلىبە قىلىپ باقمىغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇۋېنتۇسقا ئىككى قېتىم ئۇتتۇرغان. ياخشى يېرى شۇكى، بۇ مۇسابىقىدە كرىستىيانو رونالدو مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ، بۇ بەلكىم كىيېۋ دىنامونىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇۋېنتۇس يېقىنقى ئىككى مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلالمىدى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كىيېۋ دىنامو پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپا باسقۇچىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى نىشانلىشى مۇمكىن.

2020102013333236559.jpg


分享到: