新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچى: بارسېلونا vs فېرېنسۋاروسى مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-20 21:48作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020102018393230995.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا فېرېنسۋاروسىنى كۈتۈۋالىدۇ. بارسېلونا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشەلمىدى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىمۇ 8:2 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق ھالدا بايرېن مىيۇنخېنغا ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتتى، شۇنداقلا بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە مېسسىدىن ئايرىلىپ قالغىلىمۇ تاسلا قالدى. يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن كېيىن، بارسېلونا يېڭى قەدەملەر بىلەن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا، ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى قەدىمى فېرېنسۋاروسى بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدە باشلىنىدۇ. ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچ پەرقى چوڭ، بەلكىم فېرېنسۋاروسىمۇ بۇ مۇسابىقىدە كۆپ توپ كەتكۈزمەي ئۇتتۇرۇشنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن نومۇر ئېلىشقا تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېسسى باشچىلىقىدىكى بارسېلونا توپچىلىرىمۇ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە يۈكسەك ئىرادىلەرنى قەلبىگە پۈكتى، ئۇلار بۇ مۇسابىقىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىرادىسىنى سىرتقا كۆرسىتىپ قويۇشنى نىشانلىماقتا.

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00

مۇسابىقە ئورنى: نوكەمپو توپ مەيدانى

2020102018392854992.jpg

بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

1. بارسېلونانىڭ ئىپادىسى ياخشى ئەمەس، ئەمما ئەمەلىي كۈچ پەرقى زور

بارسېلونانىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ئۇلار تۆت مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم ئۇتۇپ بىر قېتىم تەڭلەشتى ھەمدە بىر قېتىم ئۇتتۇردى، يېقىنقى ئىككى ئايلانمىدا غەلىبە قىلىپ باقمىدى. ھازىرقى بارسېلونانى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، مېسسى بۇرۇنقىدەك زور توپ ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، بارسېلونانىڭ ھۇجۇم سېپى ئاجىزلاپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گرېزمانمۇ ھازىرغىچە كوماندىغا سىڭىپ بولالمىدى، فاتى، ترىنكاۋ دېگەن توپچىلار تېخى ياش، برەيسۋەيتنىڭ پۇرسىتى ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئاز، ئوسمان دېمبېلېنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتقاندىن كېيىنكى ئىپادىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. بارسېلونا قارىماققا ئىنتايىن كۈچلۈك كۆرىنىدۇ، ئەمما مەيداندىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە. لېكىن، بۇ بارسېلونانىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەقىبى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان ۋېنگرىيە بىرلەشمىسىدىكى فېرېنسۋاروسى، ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچ پەرقى مەستانىلەرگە ئايان، شۇڭا بارسېلونانىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى نىشانى پەقەتلا غەلىبە قىلىش.

2020102018392518436.jpg

2. فېرېنسۋاروسى بارسېلونانى توسۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ

فېرېنسۋاروسى ۋېنگرىيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندا، ئۇلار كېلىتلىقلار، زاگرېب دىنامو، رىمالد قاتارلىق كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىسىگە كىرگەن. لېكىن، بۇ كوماندا گۇرۇپپا باسقۇچىدىلا بارسېلونا ۋە يۇۋېنتۇس بىلەن بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ قالدى، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن خۇشاللىق ھەمدە قايغۇلۇق ئىش، چۈنكى ئۇلار پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىككى داڭلىق كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئەمما ئۇلارنىڭ شاللاش باسقۇچىغا كىرەلىشى، ھەتتا بۇ كوماندىلاردىن نومۇر ئالالىشىمۇ ئىنتايىن تەس. ېرېنسۋاروسى مېھمان مەيداندا بارسېلونادىن نومۇر ئالالامدۇ؟ بارسېلونا قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلىپ يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن غەلىبە قىلامدۇ؟ مېسسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى قالتىس ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟


分享到: