新闻详情

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: چېلسى VS سېۋىللا مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-20 21:51作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

2020102009581944042.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ستامفورد كۆۋرۈكى توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ، چېلسى ساھىبخان مەيداندا سېۋىللا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بۇ ئىككى كوماندا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا بۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەتلا ئۇچرىشىپ باقمىغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە چېلسى ساھىبخان مەيداندا ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولغان جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان، سېۋىللا كوماندىسى بولسا، مېھمان مەيداندا گرانادا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ، ھەر ئىككى كوماندىدا بەلگىلىك مەسلىلەر ساقلانغان، ئۇنداقتا ياۋروپادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، بۇ ئىككى كوماندا مەستانىلەرگە قانداق مۇسابىقىنى تەقدىم ئەتمەكچى؟

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00

2020102019143286868.jpg

مۇسابىقە ئورنى: ستامفورد كۆۋرۈكى توپ مەيدانى

كۆرۈش نۇقتىسى 1: كېپانىڭ ئىشەنچسىزلىكىدىن مېندى مەيدانغا چۈشۈشى مۇمكىن

چېلسى ترېنېرى لامپارد يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە كۆپ تالاش-تارتىشقا سەۋەپچى بولدى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئاساسەن توپچى قوشۇۋالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كوماندىنى يېتەكلەپ ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە مونت، ئابراھام، جامېس قاتارلىق يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭى يۇلتۇزلارنىمۇ قېزىپ چىقتى. يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا كۇلۇب خوجايىنى ئابراموۋىچ مەردلىك بىلەن 200 مىليون فوندستېرلىڭ خەجلەپ، زىيېخ، ۋېرنېر، خاۋېرتز قاتارلىق كۆپلىگەن توپچىلارنى قوشۇۋالدى. ئەمما كوماندىنىڭ ئاجىز بولغان ئوتتۇرا مەيدان ۋە مۇداپىئە سېپىگە پەقەت پېشقەدەم ماھىر تىياگو سىلۋا ۋە ياش ماھىر سارنىلا قوشۇۋالدى، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان قاپقىچى مەسىلىسىمۇ ھەل بولمىدى، ئېنىقكى بۇمۇ كوماندىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىستىقبالىغا بەلگىلىك يوشۇرۇن خەۋپ كۆمۈپ قويۇش بىلەن باراۋەر بولدى.

كۆرەڭلەپ كەتكەن چېلسى مۇشۇنداق قىلىپ يېڭى مۇسابىقە پەسلىنى باشلىدى، كېپا بىلەن كابالېرو، لىۋېرپول ۋە غەربىي بىرومۋىچ كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە يەنە بىر قېتىم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى، لامپاردمۇ ئاخىرى رېننېس كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى مېندىنى قوشۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى ئەمما مېندى كوماندىغا ۋاكالىتەن ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كېيىنلا يارىلاندى، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ترېنېر لامپارد كېپاغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشەنچ قىلىپ مەيدانغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كوماندا ئۈچ قېتىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاخىرىدا يەنىلا تەڭلىشىشكە مەجبۇر بولدى، كېپا يەنە بىر قېتىم ئەجەللىك سەۋەنلىك سادىر قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېندى كوماندا مەشىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشەلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇنداقتا مېندى چېلسى مەستانىلىرى كۈتۈۋاتقان لاياقەتلىك قاپقىچى بولالامدۇ يوق؟

2020102018543995190.jpg

كۆرۈش نۇقتىسى 2: سېۋىللا مېھمان مەيداندا ئۈچ نومۇرنى كۆزلەيدۇ

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمىلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سېۋىللانىڭ ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، بۇ لوڭقىنىڭ «سېۋىللا لوڭقىسى» دېسىمۇ بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

بۇ مۇسابىقە پەسلى كوماندىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولۇۋاتقان سول يان بېكى رېگۈيلون توتتېنھامغا يۆتكەلدى، ئەمما يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە، سېۋىللانىڭ ئىپادىسى يەنىلا ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ، كۈچلۈك بايرېن مىيۇنخېننى ئۇزارتىلغان مۇسابىقىگە سۆرەپ كىردى، بىرلەشمىدە بارسېلونا بىلەن تەڭلەشتى، گەرچە ئالدىنقى ئايلانما گراناداغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما كوماندىنىڭ نەچچە نەپەر ئاساسلىق ئەزالىرى مەيدانغا چۈشمىدى، ئېسكۇدېرونىڭ يارىلىنىشى ۋە خولدېننىڭ مۇسابىقىدىن چەكلىنىشى بەلكىم بۇ مۇسابىقىدە يېڭى-يېڭىلىشنىڭ ھەقىقى سەۋەپچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، سېۋىللانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قارىتا كۈچ ساقلىشى كۆرۈنەرلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېلسى بىلەن ئوينايدىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلانماقچى.

2020102019153227047.jpg


分享到: