新闻详情

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: لازىئو VS دورتمۇند مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-20 21:55作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020102020331648385.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە رىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينىلىدۇ، لازىئو ساھىبخان مەيداندا دورتمۇند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بۇ ئىككى كوماندا تارىختىن بۇيان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقسىى ئويناپ باققان بولۇپ، 2018-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوينالغان ئۇ مۇسابىقىدە دورتمۇند 0:1 نەتىجىدە لازىئونى مەغلۇپ قىلغان، ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دورتمۇند بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، بىرلەشمىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى، لازىئو بولسا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، بىر مەيدان تەڭلەشتى، ئۇنداقتا ئىپادىسى ياخشى بولغان «سېرىق ھەرە قوشۇنى»، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00

مۇسابىقە ئورنى: رىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى

2020102020213321393.jpg

كۆرۈش نۇقىسى 1: لازىئونىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا نەزەر

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى مۇسابىقىلەر باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، F گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، لازىئو كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا دورتمۇندنى كۈتۈۋالىدۇ، لازىئونىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلىشىش باسقۇچىدىكى ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولماي، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندىن تۆتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن كېيىنكى ئىپادىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، تۇنجى ئايلانمىدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇدا ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىدە غەلبە قىلالمىدى، يېقىنقى ئەھۋالدىن قارىغاندا كوماندىنىڭ ھۇجۇم ھەم مۇداپىئە سېپىدە ئوخشاشلا مەسىلە مەۋجۈت بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاران تۆت توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە سەككىز توپ كەتكۈزۈشتەك نەتىجە ياراتتى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئىپادىسى قالتىس بولغان ساھىبخان مەيداندا بۇ مۇسابىقە پەسلى تېخى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ باقمىدى، تارىختىن بۇيان رەسمىي مۇسابىقىلەردە تۇتۇشۇپ باقمىغان بۇ ئىككى كوماندىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى كىشىنى رازى قىلغۇدەك ئەمەس، لازىئو كوماندىسىنىڭ غوللۇق ھۇجۇمچىسى ئىمموبىلى ھازىرغا قەدەر ئاران بىر توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئىپادىسى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا غوللۇق ماھىرلاردىن لۇلىچ، باستوس ۋە پلوتولار يارىلىنىش تۈپەيلى مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ، يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى، كىشىلەرنىڭ لازىئوغا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قانداق ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ؟

2020102020070087158.jpg

كۆرۈش نۇقتىسى 2: دورتمۇندنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا نەزەر

دورتمۇندنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيانقى ئىپادىسىنى ھەر ھالدا بولىدۇ دىيىشكە بولىدۇ، تۆت ئايلانما مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولدى، ئالدىنقى ئايلانمىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەلبە قىلالماي كەلگەن خوففېنھامنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرلەشمىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى، يەنە كېلىپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە، كوماندا كاپىتانى رېئۇس بىلەن خالاند ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قارىتا پۇختا تەييارلىق قىلغان، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى نەچچە مەيدان مۇسابىقە ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دورتمۇندنىڭ مېھمان مەيداندىكى ئىپادىسىدە ھېچقانچە ئىلگىرلەش بولمىغان، ئاۋگىسبۇرگقا ئۇتتۇرۇش بىلەن خوففېنھامنى تەستە مەغلۇپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا غوللۇق بېك پىززىكنىڭ يارىلىنىشى بىلەن كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىدە توپچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى پەيدا قىلدى، ئۇنداقتا دورتمۇند بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قانداق ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ؟


分享到: