新闻详情

پارىژ سانت گېرمان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2020-10-20 21:59作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:جىبوبا تورى

2020102020384882395.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى، پارىژ شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ، پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندا ئەزالىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يېڭىدىن كوماندىغا قوشۇلغان دانىلو پېرېيرا، رافېنھا، كىچىك كېن قاتارلىق توپچىلار تىزىملىككە تاللانغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرى يارىلانغان ماركىنھوس بىلەن دراكېسلېرمۇ تىزىملىككە تاللانغان، ئۇنىڭدىن باشقا كۆپچىلىككە تونۇشلۇق نېيمار بىلەن مباپپې تىزىملىككە باشلامچى بولغان، بېرنات، ئىكاردى، ۋېراتتى، پارېدىس قاتارلىق توپچىلار يارىلىنىش تۈپەيلى تىزىملىككە تاللانمىغان.

2020102020530272876.jpg

پارىژ سانت گېرماننىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچىلار: ناۋاس، رىكو، لېترىل

بېكلار: باك، فلورېنزى، داگبا، دىيالو، كىمپېمبې، پېمبېل، كۇرزاۋا، ماركىنھوس

ئوتتۇرا مەيدان: دانېلو پېرېيرا، دراكېسلېر، گېيې، ھېرېيرا، رافېنھا، رۇئىز، فادېگا، سارابىيا

ھۇجۇمچىلار: دىمارىيا، نېيمار، مباپپې، كىچىك كېن


分享到: