新闻详情

ئۈرۈمچىدە كىملىك يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ۋە تېپىلغان كىملىكنى ئېلىۋېلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىنىدى

发表时间:2020-10-20 22:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى نوپۇس كەسپى زالى ۋە ساقچىخانىنىڭ نوپۇس ئىشلىرى كۆزنىكىدە كىملىك يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ۋە تېپىلغان كىملىكنى ئېلىۋېلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىندى. 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىملىك يىتىپ كەتكەن، ئوغرىلانغان بولسا، كىملىكنىڭ ئىگىسى نوپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى نوپۇس كەسپى زالى ياكى ساقچىخانىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش كۆزنىكىگە بېرىپ، كىملىكىنىڭ يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساقچىلار كىملىك يىتكەنلىك مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالسا، بىرىنچى ۋاقىتتا كىملىك يىتكەنلىك ئۇچۇرىنى مەملىكەت بويىچە كىملىك يىتكەنلىكنى مەلۇم قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، كىملىكنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۇقرالار تېپىۋالغان كىملىكنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە كىملىكنى تېپىۋېلىش سىستېمىسىغا بىرتۇتاش كىرگۈزىدۇ. كىملىكنى يېڭىدىن تولۇقلاپ ئالغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا، تېپىۋالغان كىملىك بەلگىلىمە بويىچە يوقىتىلىدۇ ھەمدە تىزىملاپ قويۇلىدۇ؛ يىتكەن كىملىكنى تولۇقلاپ ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن بولسا، ھەمدە ئۇقتۇرۇپ قويۇش شارائىتى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ كىملىكنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

كىملىكىنىڭ يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەگەر ئاھالىلەر كىملىك ئىشلىتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولسا، رەسمىي كىملىكنى بېجىرىش بىلەن بىللە، ۋاقىتلىق كىملىك بېجىرىشكە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.

داۋاملىق ئوقۇڭ:

كىملىكى سۇيىئىستېمال قىلىنسا، كىملىكى يىتكەن كىشىنىڭ ئۆزى سادىر قىلمىغان قىلمىشقا مەسئۇل بولۇشى ھاجەتسىز.

ئەگەر كىملىك يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن بولسا ياكى مەلۇم قىلىشتىن بۇرۇن كىملىكنى باشقىلار سۇيئىستېمال قىلغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

شىنجاڭ فائەي ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى كاڭ مىڭيۈەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: پۇقرالار كىملىك ئىشلىتىپ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىغاندا، ئالاقىدار كىملىكنى ئىشلەتكۈچى ھەرقايسى ئورۇننىڭ ئادەم بىلەن كىملىكنىڭ بىردەكلىكىنى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار، خاتالىق يوقلۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىملىك ئىگىسىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ. ئەگەر كىملىكى يىتىپ كېتىپ باشقىلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنغان بولسا، سۇيىئىستېمال قىلغۇچى ۋە ئالاقىدار ئورۇن مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، كىملىكى يىتكەن كىشىنىڭ ئۆزى سادىر قىلمىغان قىلمىشقا مەسئۇل بولۇشى ھاجەتسىز.


分享到: