新闻详情

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: لازىئو 1:3 دورتمۇند مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-21 11:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

دوڭچيۇدى تورى 21-ئۆكتەبىر خەۋىرى،

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە رىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، لازىئو ساھىبخان مەيداندا دورتمۇند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لازىئو كوماندىسىدىن ئىمموبىلى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كەينىدىن لۇئىس فىلىپ لازىئو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە لازىئو كوماندىسىنىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە دورتمۇند كوماندىسىدىن خالاند بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، لازىئودىن ئاكپرو بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى يەنە چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا لازىئو ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن دورتمۇند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى لازىئو ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا لازىئو بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، لازىئو ھۇجۇم تەشكىللەپ، كوررېئانىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە پاس بېرىشى بىلەن ئىمموبىلى قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، دورتمۇند قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، پىززىكنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، لازىئودىن ئىمموبىلىنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتىكى توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، گۇرېيرو بىلەن خالاندنىڭ كەينى-كەينىدىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، لازىئودىن كوررېئانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 21مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، لازىئو يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، لازىئو بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، لۇئىس فىلىپ توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، دورتمۇند ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، خالاندنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، ۋىتسېلنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە لازىئو كوماندىسىنىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ دورتمۇند ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، خالاندنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، گۇرېيرونىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 70 مىنۇت بولغاندا مېھمان مەيداندىكى دورتمۇند بىر توپ كىرگۈزۈپ،نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، دورتمۇند تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ، رېينانىڭ ئوڭ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا پاس يەتكۈزۈشى بىلەن خالاند چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى توختاتمايلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە لازىئو بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى يەنە چوڭايتتى، لازىئو ھۇجۇم تەشكىللەپ ئالبېرتونىڭ پاس بېرىشى بىلەن ئىمموبىلى توپنى ئوتتۇرىغا يەتكۈزدى، ئاكپرو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، دورتمۇند ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، خالاندنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا لازىئو ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن دورتمۇند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.



分享到: