新闻详情

گرېزمان بارسېلونانىڭ مائاشنى كېچىكتۈرۈش لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

发表时间:2020-10-21 11:43作者:爱酷艺体育来源:腾讯

2020102111134358924.jpgthumb_210_150.jpg

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ تەسىرى بىلەن بارسېلونا كۇلۇب مالىيەسى ئالدىنقى پەسىلدە جەمئىي 97 مىليون ياۋرو زىيان تارتقان بولۇپ، ھازىر كۇلۇب مالىيەسى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان، شۇڭلاشقا كۇلۇب باشقۇرۇش قاتلىمى توپچىلارنى يەنە بىر قېتىملىق مائاش تۆۋەنلەشكە سەپەرۋەر قىلغان. گەرچە يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن بارسېلونا يەنىلا بېلەت كىرىمى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ھېچقانداق كىرىم قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار چىقىمنى ئازايتىشنى ئويلىشىپ، توپچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ بېرىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھازىر بارسېلونانىڭ ئاساسلىق خىزمىتى توپچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارنى مائاشنى كېچىكتۈرۈشكە كۆندۈرۈش بولۇپ، يېڭى قوشۇۋالغان توپچىلاردىن دېست ۋە پيانىچ قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتا توختام ئىمزالىغان ۋاقىتتا بۇ ئەھۋاللارنى بىلگەچكە بۇ لايىھەگە ماقۇل بولغان، شۇنداقلا دېيوڭ ۋە تېرستېگېن قاتارلىق توپچىلارمۇ بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر گرېزماننىڭمۇ بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. گرېزمان 2019-يىلى يازدا بارسېلوناغا قوشۇلغان ۋاقىتتا 2024-يىلىغىچە توختام ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن بۇ فرانسىيەلىك ھۇجۇمچى بارسېلونانىڭ بۇ قىيىن ئەھۋالدا چىقارغان پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


分享到: