新闻详情

چېللىنى يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىش تەرتىپىدە 3-ئورۇنغا چىقتى

发表时间:2020-10-21 11:47作者:爱酷艺网来源:直播8


بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس 2-0 نەتىجىدە كىيېۋ دىنامونى مەغلۇپ قىلدى. چېللىنى بۇ مەيدان مۇسابىقدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى، گەرچە ئۇ يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى 71-مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى.

«OptaPaolo»نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، چېللىنى يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىش تەرتىپىدە تاچىناردىدىن ئېشىپ، كۇلۇب تارىخىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا چىققان. چېللىنىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتقان توپچىلارنىڭ ھەر ئىككىسى رىۋايەتلىك توپچى، يەنى دىل پىرو 89 مەيدان مۇسابىقىگە، ھازىرمۇ توپ تېپىۋاتقان بۇففون 112 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.


分享到: