新闻详情

مانچېستېر بىرلەشمىسى vs پارىژ سانت گېرمان مۇسابىقىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى: دېھىيا

发表时间:2020-10-21 11:49


بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 2-1 نەتىجىدە پارىژ سانت گېرماننى مەغلۇپ قىلدى، بۇ ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە مېھمان مەيداندا ئۇدا 10 مەيدان غەلبە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، دېھىيانىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، مۇسابىقىدىن كېيىن مانچېستېر بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، دېھىيانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇسابىقىدىن كېيىنكى «WhoScored» تورىنىڭ باھالىشىدا دېھىيا 7.7 نومۇرغا ئېرىشتى.


分享到: