新闻详情

زىيارەت 10263 يوللانما 79 مەستانە + ئەگىشىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: پارىژ سانت گ

发表时间:2020-10-21 12:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

دوڭچيۇدى تورى 21-ئۆكتەبىر خەۋىرى،

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى، پارىژ شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانىدا باشلاندى، پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن مارشال نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈرۈپ، برۇنو فېرناندېس نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى كوماندىنىڭ قاپقىچىلىرى ناۋاس بىلەن دېھىيامۇ ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن مارشال «خائىن توپ»تىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا راشفورد غەلبىنى مۇقىملايدىغان ھالقىلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە پارىژ سانت گېرماننى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى پارىژ سانت گېرمان ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى،مباپپېنىڭ كەينى-كەينىدىن تەشكىللىگەن ھۇجۇمىنى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكىلەر توسۇۋالدى، دىمارىيانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كۇرزاۋانىڭ تەپكەن توپىنىمۇ قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مارشالنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 21 مىنۇت بولغاندا، مېھمان مەيداندىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەش جەريانىدا نۇقتا توپتىن بىرگە ئېرىشىپ، برۇنو فېرناندېس نۇقتا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مباپپېنىڭ قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كۇرزاۋانىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 54 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى پارىژ سانت گېرمان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، پارىژ سانت گېرمان بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، مارشال ئىھتىياتسىزلىقتىن توپنى ئۈسسۈپ ئۆز قاپقىسىغا كىرگۈزدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، راشفوردنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتىكى توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، مارشالنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، برۇنو فېرناندېسنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىمۇ ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، راشفوردنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، فېرناندېسنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، مانچېستېر بىرلەشمسى داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، راشفوردنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، پارىژ سانت گېرماندىن نېيمارنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 87 مىنۇت بولغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، پوگبانىڭ پاس بېرىشى بىلەن راشفورد توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى 1:2 نەتىجە بىلەن پارىژ سانت گېرماننى مەغلۇپ قىلدى.


分享到: