新闻详情

سۈن شىڭمىڭ: بەزىلەر تىرېنېرنى خاتا چۈشىنىپ قالدى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۈمىد ق

发表时间:2020-10-21 12:29作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

5f675f0b6f03b.jpg

بىۋاستە تارقىتىش 10-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋىرى، رېس ھۇجۇمچىسى سۈن شىڭمىڭ يېقىندا« توپ تورىغا كىرىش» زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ كوماندىنىڭ باش تىرېنېرى مورىنھونىڭ بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىۋېلىنغانلىقىنى، مورىنھو بۇلتۇر پوچېتىنونىڭ باش تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، پۈتۈن كوماندىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەسلىگە كەلگەن ئاكتىپ كەيپىيات بارلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ مورىنھونىڭ كوماندىنىڭ 2008-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى مۇكاپات لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، رېس ھۆججەتلىك فىلىمى« ھەممىنى بىر يولىلا دوغا تىكىش» تا، مورىنھونىڭ دانيېل-روس قاتارلىق پۇتبول چولپانلىرىغا بولغان رەھىمسىز ۋە سەمىمىي تەرىپىنى نامايان قىلغان بولۇپ، بۇ پورتۇگالىيەلىك باش تىرېنېر ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا مانچېستېر بىرلەشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پوگبا ۋە خانلىق مادرىدتىكى كاشىلياسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپچىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلغان.

  سۈن شىڭمىڭ   مۇنداق دېدى: « بەزىلەر تىرېنېرنى خاتا چۈشىنىپ قالدى، بەلكىم ئۇلار ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا باشقىچە قاراشتا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمىز، توپ كوماندىسىنىڭ مەشىق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى. » دېدى.

»   بىز ھەر كۈنى مەشىق قىلغاندا كۈلۈپ تۇرىمىز، سىز ئامازوننىڭ سىن كۆرۈنۈشىدە بۇ نۇقتىنى كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭدا بىر خىل غەلىبە قىلىش روھىي ھالىتى بار، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ بىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا، بىزنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇنىڭ بىز بىلەن بىرگە بولغىنى ناھايىتى قالتىس بولدى، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كۇلۇبقا كەلگەن ۋە باش تېرىنىرىم بولغان چاغدىكى تەسىراتىنى مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلايمەن. » دېدى.

  بىز پوچېرتىنونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ چاغدا بىز دەل خەلقئارا مۇسابىقە كۈنى ئىدۇق. مەن راستتىنلا بەك ئازابلاندىم، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەك ياخشى. نۆۋەتتە بىز پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان بىر تېرنىرنى كۈتىۋالدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. تىرېنېرنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، چۈنكى مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ لوڭقىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەن، ھازىر مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلىمەن. » دېدى.

»   ھازىر بىز بىللە ئىشلەۋاتقىلى بىر يىل بولاي دېدى، بۇ ھەقىقەتەن بەك قالتىس بولدى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا يارلىنىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا بەزى قىيىنچىلىقلار بار ئىدى، لېكىن بۇ مۇسابىقە پەسىلىنىڭ باشلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولدى، مەن پەقەت بۇ خىل تۇيغۇنى ساقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلايمەن. » دېدى.


分享到: