新闻详情

شىنجاڭدا  مەملىكەتلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى

发表时间:2020-10-21 12:31作者:爱酷艺网来源:新疆日报

u=2314111917,643763624&fm=11&gp=0.jpg

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: 10ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون تۇنجى نۆۋەتلىك   مەملىكەتلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلىدى، پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى « بىخەتەر قورال ئىشلىتىپ، ساغلاملىقنى قوغداش« .

شۇ كۈنى، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرى دۇڭباۋ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مەركىزىدە تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 30 دىن ئارتۇق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدىكى كارخانا ۋەكىلى نەق مەيداندا« بىخەتەرقورالى ئىشلىتىش، ساغلاملىقنى قوغداش» ۋەدىنامىسى ئىمزالىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈشياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 25 ـ كۈنىگىچە بولغان تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، توردا ۋە تور سىرتىدا پائالىيەتلەرنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچى سەپەرۋەر قىلىنىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن، جايلاردىكى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىخەتەرلىكى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدىكەن.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى كۆزىتىش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار يەنە ئىستېمالچىلارغا بىخەتەر ئىشلىتىش تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى.


分享到: