新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقسىى: بارسېلونا 1:5 فېرېنسۋاروسى

发表时间:2020-10-21 12:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

دوڭچيۇدى تورى 21-ئۆكتەبىر خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا فېرېنسۋاروسى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مېسسىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كەينىدىن نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈرگەن مېسسى، ئۆزى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، كەينىدىن بارسېلونادىن فاتى بىر توپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مۇسابىقىدە بارسېلونادىن كوتىنھو بىر توپ كىرگۈزدى، پىك قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن چىقىرىۋىتىلدى، فېرېنسۋاروسى كوماندىسىدىن خالاند بىر توپ كىرگۈزدى، پېترى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، مېسسى ياردەم پاس بېرىش ئارقىلىق، 11-نومۇرلۇق توپچى بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 1:5 نەتىجىدە فېرېنسۋاروسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان بارسېلونا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللىدى، مېسسىنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولغاندا فېرېنسۋاروسى كوماندىسىدىن ئىنگون بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر ئۇنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، فېرېنسۋاروسىدىن ئىسائېلنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 27 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسى نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، بارسېلونا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، فاتىنىڭ كەينى-كەينىدىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 42 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، دېيوڭنىڭ پاس بېرىشى بىلەن فاتى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بارسېلونا داۋاملىق ھۇجۇمنى بوشاشتۇرمىدى، ترېنكاۋنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 52 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، فاتىنىڭ پاس بېرىشى بىلەن كوتىنھو توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 70 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، فېرېنسۋاروسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، بارسېلونادىن پىك قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاندىن باشقا قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچرىدى، فېرېنسۋاروسىدىن كاراتىن نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 82 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، پېترى يىراقتىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى. ئارىدىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسىنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن 11-نومۇرلۇق ماھىر بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى داۋاملىق چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا ساھىبخان السا كۈتۈۋالدىمەيداندا 1:5 نەتىجىدە فېرېنسۋاروسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنى غەلبە بىلەن كۈتۈۋالدى.


分享到: