新闻详情

ئۈرۈمچىدىن قارامايغا بېرىشقا بىر سائەتلىك يول قىسقاردى،يېڭى يول ئېچىلدى

发表时间:2020-10-21 12:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:乌鲁木齐晚报

乌鲁木齐去克拉玛依将节约1小时,五克公路本月底主线通车

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: يېقىندا، ئۆلكە يولى 20 ۋۇگۇڭتەيدىن قارامايغىچە بولغان 1-دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول (قىسقارتىلىپ« بەش قاراماي تاشيولى» دېيىلىدۇ) ئاساسىي لىنىيە قۇرۇلۇشى سۈپەت تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىردى، 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن، تۈر ئاساسىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىدۇ

10-ئاينىڭ 19- كۈنى، مۇخبىرنىڭ بەش قاراماي تاشيول تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈر كۆپچىلىككە بىرقەدەر تونۇشلۇق بولغان خۇكې تاشيولى (قۇتۇبى-قاراماي تاشيولى) نىڭ« ئۇزارتىلغان نۇسخىسى» بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 206.692 كىلومېتىر كېلىدىكەن، ئۇنىڭ كونترول نۇقتىسى ئۈرۈمچى، ۋۇگۇڭتەي، قاراماي ئىكەن.

ئەسلىدىكى يول بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيول بولۇپ، ئەسلىدىكى يول لىنىيەسىدە 48 تەكشىلىكتە كېسىشكەن يول ئېغىزى بار، يول ئېغىزىغا كىرىپ چىقىدىغان يېزا ئىگىلىك ئاپتوموبىللىرى بىر قەدەر كۆپ، قاتناش ئەھۋالى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن مۇساپىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى 100، 80، 60 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مۇساپە ئۈچ سائەت داۋاملىشىدۇ.

乌鲁木齐去克拉玛依将节约1小时,五克公路本月底主线通车

ئۈرۈمچىدىن قارامايغا بېرىش ئۈچۈن بىر سائەت ۋاقىت تېجىلىدۇ، بەش قاراماي تاشيولى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئاساسىي لىنىيەدە قاتنايدۇ.

يول ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىن، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر بولۇپ، ئەسلىدىكى كېسىشمە يول ئېغىزى ئىستېرېئولۇق كېسىشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى، تولۇق يېپىق يول يۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن قارامايغا بېرىش ـ كېلىشى ئۈچۈن بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت تېجەپ قېلىندى.

قوماندان لۇ شىن مۇنداق دېدى: بۇ تۈردە 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى ئاساسىي لىنىيەدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، قالغان قۇرۇلۇش قوشۇمچە يولى، لىنىيە ھالقىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈك شۆبە قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار كېلەر يىلى تاماملىنىدىكەن، شۇ چاغدا، قارامايدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىر يېرىم يىل بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.

ئۈرۈمچىدىن قارامايغا بېرىش ئۈچۈن بىر سائەت ۋاقىت تېجىلىدۇ، بەش قاراماي تاشيولى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئاساسىي لىنىيەدە قاتنايدۇ

乌鲁木齐去克拉玛依将节约1小时,五克公路本月底主线通车

لۇ شىن مۇنداق دېدى: تۈرنىڭ بىر قىسىم ئاسما كۆۋرۈك يول باشلاش قۇرۇلۇشى تاماملانمىغاچقا، بىر قىسىم يول ئېغىزلىرىنى قامال قىلغىلى بولمايدۇ، جەمئىيەتتىكى ئاپتوموبىللار ۋە يول بويىدىكى ئاممىنى چوقۇم لىنىيە بويىغا سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى تەسىس قىلىش تەلىپى بويىچە بىخەتەر ھەيدەشكە ئەسكەرتىش كېرەك.

بەش قاراماي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ يېڭىدىن ياسالغان يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 19.392 كىلومېتىر، ئۆزگەرتىپ ياسالغان يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 187.3 كىلومېتىر، قوشۇمچە يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 141.785 كىلومېتىر. ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىنكى يول بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن توققۇزى، ئايرىلما ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن 48 ى تەسىس قىلىنىپ، يول بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا قولايلىق يارىتىلدى.

قاتناش + ساياھەت« ئەندىزىسىگە بىرلەشتۈرۈپ،   بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،   قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈر پۈتۈن لىنىيە بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاپ مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلدى، مۇلازىمەت رايونى يېمەك ـ ئىچمەك، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، ئىستىراھەت، ھېس قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ياتاق، سودا، مەنزىرە رايونى ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق، كۆپ كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت گەۋدىسى ۋە خاس باش تېما مۇلازىمەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئىككى مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۆت نۇقتا بار، ھەر بىر نۇقتىدا 10 چوڭ ئاپتوموبىل، 30 ئوتتۇرا ئاپتوموبىل، 50 كىچىك ئاپتوموبىل بار، قالغان ئالاھىدە ئاپتوموبىللاردىن ئۈچى، مېيىپلەر ئاپتوموبىلىدىن ئۈچى، زەرەتلەش ئورنىدىن ئونى بار.

بۇ تۈر پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى، ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە يولى تورى بىلەن ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق قاراماي مەركىزىي شەھىرىنى تۇتاشتۇرۇش، دۆلەت، ئۆلكە يولىنى تۇتاشتۇرۇش، شىخەنزە، ئوتۇنكوزا، تارباغاتاي، سانجى قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەر ئارقىلىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش رايونى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى ناھىيە ـ شەھەرلەرنىڭ، بىڭتۈەننىڭ قاتناش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


分享到: