新闻详情

تېسلانىڭ CEOسى ماسك: تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدەش سىناق نۇسخىسى بۈگۈن كەچتە يولغا قويۇلىدۇ

发表时间:2020-10-21 13:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:توۋتىياۋ تورى

تېسلانىڭ CEOسىماسك: تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدەش سىناق نۇسخىسى بۈگۈن كەچتە يولغا قويۇلىدۇ

توۋتىياۋ تورى خەۋېرى، ئەلكۈيى تورى 21-ئۆكتەبىرتەرجىمىسى : ITئائىلىسى تورىنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگەقارىغاندا، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك (Elon Musk) شۇ يەر ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان تونۇشتۇرۇشھۆججىتىگە ئاساسەن، تېسلانىڭ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ھەيدەش سىناق نۇسخىسى سەيشەنبە كۈنىكەچتە قىسمەن ئابۇنتلارغا ئېلان قىلىنىدىكەن.

11.jpg

چۈشەندۈرۈشماقالىسىدە ماسك مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىش ئىنتايىن ئاستا ۋە ئېھتىياتچانبولىدۇ. بىراق، ئۇ يەنىلا سىناق نۇسخىسىغا ئېرىشكەن بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىقىنىئېيتمىغان، شۇڭا بۇ شىركەتنىڭ بۇ رايونلاردا بۇ خىل ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش سىنىقىئېلىپ بېرىشقا مۇناسىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

22.jpg


بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېسلانىڭباتارېيە كۈنى نۇتقىدا ماسك بىر قىسىم پۈتۈن ئاپتوماتىك ھەيدەش خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقىنىئاشكارىلىغان بولۇپ، « بىز پۈتكۈل ئاپتوماتىك ھەيدەش يۇمشاق دېتالى دۆۋىسىگە تۈپ خاراكتېرلىكقايتا يېزىشقا مەجبۇر بولدۇق... بىز ھازىر 3Dۋىدېئوسىغا ماركا چاپلاۋاتىمىز، بۇ ئىلگىرى بىرلاخىل 2Dرەسىم چاپلانغان ماركىغا زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ.بىز ھازىر پۈتكۈل كۆرۈنمە چاستوتا بۆلەكلىرىگە بەلگە قويۇپ، بارلىق تېلېكامېرالارنىماس قەدەمدە سۈرەتكە ئېلىۋاتىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا بەلگە قويۇۋاتىمىز. ئاپتوموبىلنىڭ نېرۋاتورىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي لوگىكىسى زور دەرىجىدە يۇقىرىكۆتۈرۈلدى. » دېدى.

ITئائىلىسىنىڭ ئىگىلىشىچە،تېسلانىڭ ھازىر ئامېرىكىدا ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى يوق بولغاچقا، چەت ئەل تاراتقۇلىرىمۇھۆكۈمەت تەرەپتىن كەلگەن تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمەيدىكەن.


分享到: