新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: يۇۋېنتۇس 0:2 كىيېۋ دىنامو

发表时间:2020-10-21 13:11作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

دوڭچيۇدى تورى 21-ئۆكتەبىر خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 0:55تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە، كىيېۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى، كىيېۋ دىنامو ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن چېللىنى يارىلىنىپ، مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، يۇۋېنتۇستىن كىچىك چىئېيسا بىلەن كۇلۇسېۋىسكى خەتەرلىك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇستىن موراتا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، يۇۋېنتۇستىن كۇئادرادونىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن موراتا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە كيېۋ دىنامونى مەغلۇپ قىلدى.

2020102103285561788.jpg

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى كيېۋ دىنامو ئالدى بىلەن ھۇجۇم تەشكىللىدى، يۇۋېنتۇس قاپقىچىسى توپنى تۇتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما رامسېي توپ بۇزۇۋتتى، يۇۋېنتۇس قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ كىچىك چىئېيسانىڭ كىچىك بۇلۇڭدىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، چېللىنىنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، كىچىك چىئېيسانىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، چېللىنى يارىلىنىپ مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، كۇلۇسېۋىسكىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، رامسېينىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، رامسېي چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى كەينىگە پاس قايتۇردى، كۇلۇسېۋىسكىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسقان بولسىمۇ، ئەمما موراتا قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كيېۋ دىنامو ھۇجۇم تەشكىللەپ، بوياسكىنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 83 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىملىدى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، كۇئادرادونىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس يەتكۈزۈشى بىلەن موراتا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە كيېۋ دىنامونى مەغلۇپ قىلىپ، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنى غەلبە بىلەن كۈتۈۋالدى.


分享到: