新闻详情

رونالدو يۇۋېنتۇسقا غايەت زور پايدا ئەكەلدى، بىراق نۇرغۇن ئەيىپلەشمۇ ئەكەلدى

发表时间:2020-10-21 13:13作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:تېڭشۈن تورى

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، بارسېلونا 5:1 نەتىجە بىلەن فىلورىنتىسۋاروسنى مەغلۇپ قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۇزغۇنلۇق كېيىنكى ئايلانمىسىدىكى رەقىبى يوۋىنتۇس كوماندىسى ئىدى. بارسېلونا بىلەن يۇۋىنتۇس بۇرۇنمۇ تۇتۇشقان بولۇپ، ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن بۇ قېتىم ھەقىقى ھالدا   بارسېلونا   بىلەن يۇۋىنتۇسنىڭ ئۇچرىشىشىنى قىززىق نوقتىغا ئايلاندۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئامىل: مىسسى بىلەن رونالدو.

بىراق 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ مەيدانغا چىقىشى ناتايىن، يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە دەرھال داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىرى بويىچە كىرىستىيانو رونالدو ئىتالىيەدىكى ئۆيىگە بېرىپ   ئايرىلىپ تۇرۇپ، بارسېلونا بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پېرلونىڭ ئېيتىشىچە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۇقۇم ئەھۋالى   ھازىر تېخى مەنپىيگە ئالماشمىغان، ئەگەر 21-چېسلادىكى تەكشۈرۈشتە يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بارسېلونا بىلەن بولغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ئېنىق بولىدۇ .

كىرىستىيانو رونالدوغا ئېنىق د دىئاگنوز قويۇلىشى دۇنيادا   زور غۇلغۇلا قوزغىدى، ئورگان تەرەپ خەۋىرى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا، دەرھال ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تورىغا   ئەڭ قىزىق نوقتىغا چىقتى. ھېلىمۇ ياخشى دۇرانت، نېمار، مۇباپى، دىبالا، ئىبراھىموۋىچ ۋە ۋۇلېي قاتارلىق دېلو مىساللىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭمۇ ئېنىق دىياگنوزى كۈچلۈك بەدەن ساپاسى بىلەن تېزدىن ئاسارىتى قالمىغان ھالدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ،بۇ نوقتا كىرىستىيانو رونالدونىڭ توپ مەستانىلىرىغا نىسبەتەن   ئەنسىرىشىنى ئازايتالايدۇ. بۇ ھادىسە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ غايەت زور قىزغىنلىقىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ دۇنيادا ۋە تارىختا سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالاقە تورى مەستانىسى بار.


كىرىستىيانو رونالدونىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ئۆزىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كىشىلەر ۋە تەشكىلاتلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كىرىستىيانو رونالدونىڭ قىز دوستى جورجىنا بۇ سالاھىيىتى بىلەن ئىسپانىيەدىكى ئالدىنقى بەشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، بىر قېتىملىق زىيارەتتىن 100 مىڭ ياۋرو ھەق ئالغان، بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۇنىڭغا بىر ئايلىق تۇرمۇش پۇلى بەرگەنگە باراۋەر.

رونالدىنھونىڭ ئوغلى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ئېچىلغىنىغا ئەمدىلا بىر كۈن بولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئادەمسانى ئون بىر مىليونغا يېقىنلاشتى. كىرىستىيانو رونالدو قوشۇلغان يۇۋېنتۇس كولوبىنىڭمۇ   يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ مەستانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىمۇ 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بىراق كىرىستىيانو رونالدو جامائەت ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇنىڭ   ھەر قانداق ھەرىكىتى   ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئامما تەرىپىدىن   تېخىمۇ زورايتىلىدۇ، كۆپتۈرىلىدۇ ،   ياخشى تەرىپى بولسا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئوبرازىنى ئاشۇرىدۇ، مەسىلەن: ئۇ جامائەت پاراۋانلىقىغا قىزىقىدۇ، دائىم خەير ساخاۋەت قىلىدۇ، ھەر خىل ئەلچىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەستانىلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ. بىراق، بەزى ناچار ئادەتلەر رونالدوغا بولغان تەنقىدلەشنى تېخىمۇ ئاشۇرۋېتىدۇ ،   مەسىلەن، كەسپىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شەخسىي تۇرمۇشى سەل قالايمىقان، مەسىلەن، بۇ يىل يەر شارىدا يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا، كۆپ قېتىم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان.

كىرىستىيانو رونالدو ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن توختىغان ۋاقىتتا، ئۇ پورتۇگالىيەگە بەك بالدۇر قايتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، يۇۋېنتۇسنىڭ سابىق رەئىسى تەرىپىدىن« ئىتالىيەدىن قېچىش» دەپ تەنقىد قىلىنغان. كىرىستىيانو رونالدو مادېرادا يەنە ماسكا تاقىماي ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ سەيلە قىلغان ۋە تاللا بازىرىنى ئايلانغان، يەنە ماشىنا ھەيدەپ جىيەن قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىغا قاتناشقان. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى باشلىنىشقا ئاز قالغاندا ، كىرىستىيانو رونالدو يەنە باشلامچى بولۇپ تەرتىپ بويىچە ئىتالىيەدىن ئايرىلغان، شۇڭا تورىن يەرلىك سەھىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ جەرىمانە قويۇلغان.

كىرىستىيانو رونالدو ئېنىق دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن ئىتالىيەگە جىددىي قايتىپ كەلدى، ئىتالىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن گۇمانلاندى. كىرىستىيانو رونالدو بۇ قاراشقا دەرھال   بىر تەرەپلىمە رەددىيە بەرگەندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئىككى قېتىم ئىنكاس قايتۇردى.

ئىتالىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئالدى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ناھايتى قالتىس، لېكىن پەقەت تەنتەربىيەدە قالتىس ، ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ۋە يالغان گەپ قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلمەسلىك ئەھۋالى بار ، دەپ قارىدى. ئۇ جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

گەرچە ئىتالىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى بۇ ئىشتا بەك كۆپ چاپلىشىۋېلىشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ پوزىتسىيىسىگە ئۇ چىدىيالمىدى، شۇنىڭ بىلەن داۋاملىق گەپ ئاچتى: ئۇلۇغ چېمپىيون ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ھېس قىلىدۇ، ھەتتا ئايرىش بەلگىلىمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئاللىقاچان ھۆججەت چىقىرىپ، بۇ چېمپىيونلارنىڭ قائىدىگە رىئايە قىلىشىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

گەرچە كىرىستىيانو رونالدو دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ ، زور مەستانىلەر كوللېكتىپىغا ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ بەزى ناچار ئادەتلەر تۈپەيلىدىن، ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەندى.

ئوبيېكتىپ جەھەتتە، كىرىستىيانو رونالدو بۇ ئىشتا ھەقىقەتەن توغرا قىلمىغان، بۇنى جۈملىدىن ئۇنىڭ ئەقلىي جەھەتتە ھەممىنى ئېتىراپ قىلغان. يەنىلا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۈلگە بولۇپ، قوللىغۇچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ روھى مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


分享到: