新闻详情

ئايدىڭلاشتۇرۇلدى! يېزا ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا شەھەر-بازار نوپۇسىدىكى پەرزەنتلەر ۋارىسلىق قى

发表时间:2020-10-21 13:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى: تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، يېقىندا، «13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 3226-نومۇرلۇق تەكلىپى»گە جاۋاب قايتۇردى. بۇ تەكلىپتە تىلغان ئېلىنغان «يېزا ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملاشغا ئالاقىدار مەسىلە»گە ئېنىق جاۋاب بېرىلدى: دېھقانلارنىڭ ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە شەھەر-بازار نوپۇسىدىكى پەرزەنتلىرى ۋارىسلىق قىلسا ھەمدە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ.

  جاۋابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، «ۋارىسلىق قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆيى ئۇنىڭ مىراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ، ئۆي-يەر بىر گەۋدە قىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۆينىڭ بارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ۋە ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ، يېزا ئۆيلۈك يېرىگە ئايرىم ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەشغۇلات قائىدىسى(سىناق نۇسخىسى)»دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: مەزكۇر يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان(شەھەر-بازار ئاھالىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مىراس ئۆي سەۋەبلىك ئۆيلۈك يەرنى ئىگىلىۋالغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ، كۆچمەس مۈلۈك رويخەت دەپتىرى ۋە گۇۋاھنامىنىڭ قوشۇمچە بېتىگە «بۇ ھوقۇق ئىگىسى مەزكۇر يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتى ئەسلىدىكى ئەزاسىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، «كۆچمەس مۈلۈككە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشنى تىزىملاش» توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگىمۇ ئېنىق جاۋاب قايتۇردى. جاۋابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاز ساندىكى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ماسلاشمىغانلىقتىن تىزىملاپ بەرمەسلىك مەسىلىسى ئىجرا قاتلىمىدىكى مەسىلىگە تەۋە، نازارەت قىلىپ يېتەكلەش كۈچەيتىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىلەر قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى ھەقىقىي قوغدىلىدۇ.



分享到: